خىتايدا «چوشقىلار يەنە بىر قېتىم ئۇچۇپ»، پۈتۈن دۇنيادىكى چوشقىلارنى قوزغىۋەتتى.

يېقىنقى ئون كۈن ئىچىدە خىتايدا مال باھاسىنىڭ يەنە بىرقېتىم ئۆسىشى ئىستىمالچىلارغا قاتتىق بېسىم ئېلىپ كەلدى. مال باھاسى ئوخشىمىغان يەرلەردە ھەر ساھەدە پەرقلىق ھالدا ئۆسكەن بولۇپ، كۆرنەرلىك دەرىجىدە باھاسى ئۆسكىنى يەنىلا گۆش تۈرى بولدى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

 

2019-يىلى 30-ئۆكتەبىر

 

يېقىنقى ئون كۈن ئىچىدە خىتايدا مال باھاسىنىڭ يەنە بىرقېتىم ئۆسىشى ئىستىمالچىلارغا قاتتىق بېسىم ئېلىپ كەلدى. مال باھاسى ئوخشىمىغان يەرلەردە ھەر ساھەدە  پەرقلىق ھالدا  ئۆسكەن بولۇپ، كۆرنەرلىك دەرىجىدە باھاسى ئۆسكىنى يەنىلا گۆش تۈرى بولدى.

 

بۇنىڭ ئىچىدە چوشقا گۆشى داۋاملىق ئۆسىۋاتقان بولۇپ خىتاينىڭ چاغان بايرىمىغا قەدەر داۋاملىق ئۆسۈش بوشلىقى بارلىقى مۆلچەرلەنمەكتە . «تېڭ شۈن»قاتارلىق تور بەتلەر بۇھەقتە تەپسىلى ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان.

 

مال باھاسىنىڭ ئۆسىشى تەنەرقىنىڭ يۇقىرى بولىشى ۋە ئىستىمال تەلىپىنىڭ كۆپىيشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. خىتايدا نۇرغۇن شەخىس ۋە بەزى تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ كۆپلەپ يىغىۋېلىشى بىلەن تېخىمۇ ئۆسۈش كېلىپ چىققان.

 

خىتايدىكى مال باھاسىنىڭ ئۆسىشى خىتايغا بېسىم ئېلىپ كەلسە ئامېرىكا قاتارلىق چوڭ ئېكسپورت دۆلەتلىرىنى خۇشال قىلماقتا ۋە پۇرسەتنى چىڭ تۇتماقتا . خىتايدىكى بۇ مال باھاسى ئۆسۈش سەۋەپلىك گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ زەنجىرسىمان ھالەتتە چوشقا گۆشى ئۆرلەپ كەتكەن.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

چاقماق خەۋەر: كۇڭزى ئىنستىتۇتى مۇدىرى جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ بېلگىيەگە كىرىشى چەكلەندى

چا ئۆكتەبىر 30 , 2019
بېلگىيە «سەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، برۇسسېل ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتى (VUB) كۇڭزى ئىنستىتۇتى مۇدىرى سۇڭ شىننىڭ (宋新宁) جاسۇسلۇق قىلمىشى سەۋەبلىك، بۇندىن كېيىن بېلگىيەگە كىرىشى ۋە كەلگۈسى 8 يىل ئىچىدە ياۋروپا شېنگېن ۋىزا رايونىدىكى 26 دۆلەتكە كىرىشى چەكلەنگەن. ئۇ ئاللىقاچان بېلگىيەدە 10 يىلچە ياشىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ كەڭرى ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ خىتاي ئىستىخبارات ئورگىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان.

You May Like