ئافراسياپ
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 16- ئاپرېل
ئەنگىلىيە پارلامېنتى 22- ئاپرېل ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش – قىلماسلىق مەسلىسدە بېلەت تاشلىماقچى بولۇپ، ئەگەر ئېتىراپ قىلىنىش بېلىتى تاشلانسا، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ دۇنيا بويلاپ ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن ناھايتى مۇھىم بىر قەدەم تاشلانغان بولىدۇ.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشچە، مەيلى نەتىجە قانداق بولسون، شۇ نەتىجىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ قارار قىلىشىغا بولغان تەسرى كۈچلۈك بولىدۇ.
ئەنگىلىيە دۇنيادىكى قانۇن – تۈزۈلمىسى ئەڭ مۇكەممەل دۆلەت بولۇپ، ئەنگىلىيە قانۇن سىستېمىسى تارىختىن بىرى دۇنيادىكى باشقا قانۇن سىستېملىرىغا تەسرى ئەڭ كۈچلۈك بولغان قانۇن سىستېمىسى دەپ قارىلىدۇ.