ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى 5-ئېيۇن
دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەم شۇنداقلا ئامېرىكا پىرەزدىنتى تىرامپنىڭ دوستى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئۈنۈمدارلىقى ئىدارسنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە سابىق باشلىقى ئىلان ماسك بۈگۈن ئاشكارا ھالدا ترامپقا ھۇجۇم قىلدى، بۇ جىدەل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسدە ئاۋازغا قويۇلغان ترامپ تەشەببۇس قىلغان «چوڭ، گۈزەل قانۇن لايىھىسى»غا قارشى ئىلان ماسكنىڭ نارازىلىقىدىن كەلگەن.ئىلان بۇ قانۇننى ئامېرىكا مالىيەسنىڭ يۈكىنى ئىغىرلاشتۇرىدۇ دەپ قارايدۇ.
«ئىلان: ئەگەر مەن بولمىغان بولسام، ترامپ سايلامدا ئۇتتۇرغان بولاتتى، دىموكراتلار ئاۋام پالاتاسنى كونتىرۇل قىلاتتى، كىڭەش پالاتاسدا، جۇمھۇرىيەتچىلەر 51-49 ئورۇنغا چۈشۈپ قالاتتى، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلمەيدىغان…»دىدى.
ترامپ ئاق سارايدا مۇخبىرلارغا بۇ ھەقتە جاۋاپ بىرىپ،«ئىلان بىلەن مۇناسۋىتىمىز ناھايتى يېقىن ئىدى، ئەمدى قانداق بولىدۇ، بىلمەيمەن. بۇ قانۇن لايىھىسدىن دەسلەپتە ئىلاننىڭ خەۋىرى بار ئىدى،ئۇ چاغدا ھىچنىمە دىمىگەن.ئ
ئىلان بۇنىڭغا جاۋابەن: بۇ يالغان، ئۇ قانۇن لايىھىسى يىرىم كىچىدە ھىچكىم ئوقۇماستا دۆلەت مەجلىسگە يوللانغان» دەپ رەددىيە قايتۇردى.