ترامپ:خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ بىلەن كېلىشىم تۈزۈش ئىنتايىن قىيىن!!

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ بىلەن كېلىشىم تۈزۈشنىڭ «ئىنتايىن قىيىن» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئاق ساراينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ترامپ بىلەن شىنىڭ بۇ ھەپتە سۆزلىشىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.

«مەن خىتاي پرېزىدېنتى شىنى ياخشى كۆرىمەن، ھەمىشە ياخشى كۆرگەن ۋە ھەمىشە ياخشى كۆرىمەن، لېكىن ئۇ ناھايىتى قاتتىق، ئۇنىڭ بىلەن كېلىشىم تۈزۈش ئىنتايىن قىيىن!!!» دەپ يازدى ترامپ Truth Social تورىدا.

ۋاشىنگتون ۋە بېيجىڭ بىر-بىرىنى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى شىۋېتسارىيەدە ئىمزالانغان سودا كېلىشىمىنى بۇزغانلىقتا ئەيىبلىدى. بۇ كېلىشىم كۆپىنچە جازا باجنى 90 كۈنلۈك توختىتىش، شۇنداقلا خىتاينىڭ 4-ئاينىڭ بېشىدىن بۇيان ئامېرىكىغا قارشى قوللانغان سودا قارشى تەدبىرلىرىنى كەڭ كۆلەمدە بىكار قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى: يۇرتىدىن ئايرىلىپ، دۇنياۋى ماركىلارنى تەمىنلەيدىغان زاۋۇتلاردىكى ئۇيغۇر ئىشچىلار

چا ئىيۇن 4 , 2025
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 4-ئىيۇن نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى 3-ئىيۇن كۈنى مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئائىلىسى ۋە يۇرتىدىن مەجبۇرىي ئايرىلىپ، نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خىتاي زاۋۇتلىرىدا دۇنيانىڭ مىڭلىغان داڭلىق ماركا ۋە زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ئىشچىلىققا سېلىنغانلىقىغا ئائىت تەكشۈرۈش ئاخبارات ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر ماقالە خىتاينىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئەۋزەل ئورنىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىشقا ئېغىر دەرىجىدە تايانغانلىقىنى […]
نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى

You May Like