تالىبان ئەخلاق ساقچىلىرى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى تەبرىكلىگەنلەرنى قولغا ئالدى

تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەخلاق ساقچىلىرى 14-فېۋرال كۈنى كابۇلدا ۋالېنتىن كۈنى ياكى ئاشىقلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن قىزىل شارلارنى سېتىۋاتقان ياشلارنى قولغا ئالدى. شارلارنى مۇسادىرە قىلىپ كۆيدۈرۈۋەتتى.

ئىسلام دىنى ۋە ئېتىقادىغا زىت بولغان ئەنئەنە ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنى چەكلەش ئافغانىستاننىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ كېلىۋاتقان تالىبانلار، ئاياللار ئەركىنلىكى ۋە تەلىم-تەربىيىسى، كەڭ دائىرىلىك ھۆكۈمەت، ئىنسان ھوقۇقلىرىغا دائىر بىر قاتار مەسىلىلەردە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ تەنقىدلىرى نىشانىدا قېلىۋاتىدۇ.

قەندەھاردا ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەن ۋاقىتتا، ئاخۇندزادە ئۆز پەتىۋالىرىنىڭ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى ئىكەنلىكى، ھەدىسلەر ۋە شەرىئەت قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكى، قارار چىقىرىشتىن ئىلگىرى ئۆلىمالار بىلەن تەپسىلىي مەسلىھەتلەشكەنلىكى ھەققىدە سۆزلىدى.​​​​​​​​​​​​​​​​

خەلقئارالىق جىنايى سوت باش تەپتىشى « ئافغان ئاياللىرى ۋە قىزلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوپاللىق بىلەن دەپسەندە قىلىپ كېلىۋاتقان» تالىبان ئالىي رەھبىرى ھىبەتۇللا ئاخۇندزادەنى قاماققا ئېلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۇشۇرۇشكە تىرىشۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

See insights and ads

Boost post

All reactions:

1515

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنا سياسىتى: زېمىن قايتۇرالمايسەن، ئۇرۇش توختات، ناتو يوق

سە فېۋرال 18 , 2025
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،14-فېۋرال ئامېرىكىنىڭ يېڭى مۇداپىئە مىنىستىرى پىت خېگسېت ناتونىڭ بريۇسسېلدىكى شتاب مەركىزىدە قىلغان سۆزىدە، ياۋروپادىكى ئىتتىپاقچىلىرىنى ياۋروپادا مۇداپىئەسنى مۇستەھكەملەشكە چاقىردى. چۈنكى « ئامېرىكا ئاساسىي ئېتىبارنى ناتونىڭ تىنچ ئوكياندىكى قانىتىنى ھىمايە قىلىشقا قارىتىدۇ، »دېدى ئۇ. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقتىكى ھەربى خىراجىتى ئۈلۈشى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قېممىتىنىڭ 2 پىرسەنتىدىن 5 پىرسەنتىگىچە كۆتۈرۈلۈشى كېرەك […]
ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنا سياسىتى: زېمىن قايتۇرالمايسەن، ئۇرۇش توختات، ناتو يوق

You May Like