فرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى رادىكال گۇرۇھلارغا قارشى كۈرەشكە چاقىردى

فرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون پەيشەنبە كۈنى سۈرىيەنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدىكى يىغىندا سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى شۇ رايوندىكى رادىكال گۇرۇھلارغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاق بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىردى.

ماكروننىڭ بۇ باياناتى ئامېرىكىنىڭ بۇ رايونغا بولغان مەجبۇرىيىتى ھەققىدىكى مۇقىمسىزلىق ئەھۋالى ئاستىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پارىژدا ياۋروپا ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پەيشەنبە كۈنىدىكى يىغىن، بەششار ئەسەد مۇستەبىت ھۆكۈمىتى دېكابىردا ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئۈچىنچى قېتىملىق يىغىن بولۇپ، يىغىنغا سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسئەد ئەل-شىبانى قاتناشتى.

ماكرون: «سۈرىيە قالايمىقانچىلىق تارقىتىۋاتقان بارلىق تېررورچى تەشكىلاتلارغا قارشى كۈرەشنى ناھايىتى ئېنىق داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك» دېدى. ئۇ يەنە: «ئەگەر سۈرىيە خەلقئارالىق ئىتتىپاق بىلەن ھەمكارلىشىشنى قارار قىلسا» فرانسىيە بۇ ھەرىكەتنى قوللايدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئىدرس ھەسەن ئامېرىكىغا يېتىپ كەلدى

سە فېۋرال 18 , 2025
15-فېۋرال، ئۇيغۇر ئاگنىېتلىقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تىرىشچانلىقى ۋە بېسىمى نەتىجىسىدە، ماراكەش ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىدرس ھەسەن ئامېرىكىغا يېتىپ كەلدى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىن ئۆمەر قانات ۋە لوئىسالار ئۇنى ئايرودرومدا كۈتۈۋالدى. ماراكەش ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن كېيىن ئالغان بۇ قارارى، ماراكەش-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. […]
ئىدرس ھەسەن ئامېرىكىغا يېتىپ كەلدى

You May Like