نۇرى تۈركەل تەيۋەن خەلقىگە خىتاب قىلىپ، ئۇلارنى خىتايدىن ئۈمىد كۈتمەسلىككە، ئۆز ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىردى

نۇرى تۈركەل تەيۋەن خەلقىگە خىتاب قىلىپ، ئۇلارنى خىتايدىن ئۈمىد كۈتمەسلىككە، ئۆز ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىردى

 نۇرى تۈركەل تەيۋەن خەلقىگە خىتاب قىلىپ، ئۇلارنى خىتايدىن ئۈمىد كۈتمەسلىككە، ئۆز ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىردى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 01-سېنتەبىر

تەيۋەن خەلقئارا رادىئوسى تورى خەۋىرى. تەرجىمە قىلغۇچى: يۈسۈپجان

ئامېرىكا خادىسۇن تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسى نۇرى تۈركەل بۈگۈن (1-سېنتەبىر) «تەيۋەن دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى» بىلەن تەيۋەن مەركىزى رادىئو ئىستانسىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «قېچىش يوق» ناملىق كىتابنىڭ تارقىتىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلدى. سۆھبەت جەريانىدا ئۇ كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان خىتاي تەھدىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: « خىتاي تەرەپنىڭ گەپ سۆزلىرىگە يېنىكلىك بىلەن ئىشىنىپ كەتمەسلىك كېرەك». ئۇ يەنە تەيۋەن خەلقىنى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ باتۇرلۇق بىلەن ئۆز ئەركىنلىكىنى قوغداشقا چاقىرىق قىلدى.

خەلقئارا دىنىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسى نۇرى تۈركەل سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى ئۈستىدە تەپسىلىي توختالدى. ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار ۋەھشىي ھالدىكى تەن جازاسىغا ئۇچرىغاندىن سىرت يەنە نۇرغۇن پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن، كەڭ كۆلەمدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنى  مەجبۇرىي تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ زور مىقداردا تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نۇرى تۈركەل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى بايقۇت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

نۇرى تۈركەل خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ دىكتاتور زۇلۇمىغا قارشى تەيۋەن خەلقنىڭ ھەر ۋاقىت ھوشيار تۇرۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ تەيۋەن خەلقىنى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ پاجىئەلىك ئەھۋالىنى ياخشى تونۇپ يېتىشكە چاقىرىق قىلىپ، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە ھەرگىزمۇ ئۈمىد باغلىماسلىقى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: « شۇڭا تەيۋەن خەلقى چوقۇم خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش رەزىل ھاكىمىيەتنى تولۇق تونۇپ يېتىشى شۇنداقلا ھوشيار تۇرۇشى كېرەك، ھەرقانداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بار. تەيۋەن خەلقى دېموكراتىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلىش لازىملىقىنى چۈشىنىشى كېرەك، بۇ ھەممىمىزنىڭ كەلگۈسى.»

نۇرى تۈركەل يەنە ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىي مەزگىلىدە تۇتقۇن لاگېرلىرىنىڭ بىرىدە تۇغۇلغانلىقى توغرىسىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرى ئىچىدىكى پاجىئەلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، خىتاينىڭ ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ئارقىلىق ئاشۇ لاگېرلاردا جازالىنىۋاتقان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارغا ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

31-ئاۋغۇست بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئېلان قىلغان دوكلات توغرىسىدا توختالغان نۇرى تۈركەل مۇنداق دېدى: « مەزكۇر دوكلات ئەسلى خېلى بۇرۇنلا ئېلان قىلىشىنى كېرەك ئىدى، شۇنداق بولغاندا بەلكىم نۇرغۇنلىغان كىشىلەر قىممەتلىك ھاياتىدىن ئايرىلمىغان بولاتتى…». ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خەلقئارا جەمئىيەتنى بىرلىكتە خىتاي زۇلۇمىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشىگە چاقىرىق قىلدى.

 نۇرى تۈركەل ئەپەندىم تەيۋەندىكى دىپلوماتىك زىيارىتى داۋامىدا 1-سېنتەبىر كۈنى تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Joseph Wu  بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتتە بولغان. بۇ ھەقتە مىنىستىرJoseph Wu  ئۆزىنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ :« نۇرى تۈركەل بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشكىنىمدىن ھەقىقەتەنمۇ شەرەپ ھېس قىلدىم. ئۇ كىشىگە ئىلھام بېغىشلايدىغان دىنىي ئەركىنلىك جەڭچىسى، شۇنداقلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى. ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن پاجىئە ئىنسانىيەتنى ئازابلايدۇ، ئەمما مەلۇم خىتاي ئەمەلدارى بۇ پاجىئەنى تەيۋەنگە ئېلىپ كېلىمىز دەپ جار سېلىۋاتىدۇ. بىز چوقۇم ئىتتىپاقلىشىشىمىز كېرەك، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ۋەھشىيلىكلىرىنى توسۇشىمىز كېرەك.»

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ب د ت دوكلاتىدا نېمىلەر يېزىلدى؟

پە سېنتەبىر 1 , 2022
ب د ت دوكلاتىدا نېمىلەر يېزىلدى؟ فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى تورى ئېلان قىلغان شۇ ھەقتىكى خەۋەر