2023-يىلىدا دۇنيادا يۈزبەرگەن 15 چوڭ ۋەقە

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە، دۇنيا، ختاي ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت مۇھىم خەۋەرلەرنى باھالاپ چىقىدۇ.باھالاش ئۆلچىمى ئايرىم ئىلان قىلىندى.

2023-يىللىق خەلقئارادىكى 15 خەۋەر تۆۋەندىكىچە:

1-يانۋاردا بىرازىلىيەنىڭ رادىكال سولچى پېرەزدىنتى لۇلا دا سلۋا تەختكە چىقىپ، لاتىن ئامېرىكىسى قېتئەسنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش ۋە ختايغا يېقىنلىشش قەدىمىنى كۈچەيتتى.

2-فېۋرال ئىيدا تۈركىيە ۋە سۈرىيەدە 7-8 بال يەر تەۋرەپ، تۈركىيەدە  45 مىڭدىن ئارتۇق، سۈرىيەدە 7 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ى قازا قىلدى.

3-ختاينىڭ ياراشتۇرۇشى بىلەن ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىككى چوڭ دۈشمەن كۈچ-سەئۇدى ئەرەبستان بىلەن ئىران يارىشپ دىپلوماتىك مۇناسۋەت ئورناتتى، ختاينىڭ ئ‍وتتۇرا شەرقتىكى تەسر كۈچى زورايدى.

4-ھىندستاننىڭ نوپۇسى 1 مىلىيارد 429 مىلىيونغا يېتىپ، ختاينىڭ 1 مىلىيارد 426 مىلىيون نوپۇسدىن ئاشتى ۋە دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ قالدى.

5-فىرانسيەدە پىرەزدىنت ماكروننىڭ  پېينسىيە يېشىنى 62دىن 64 كە كۆتۈرۈش ئ‍سلاھاتى نەچچە ئايلىق نامايىشقا سەۋەب بولغان بولسمۇ،نەتىجىدە يەنىلا ماقۇللاندى.

6-چارلېز 3 بۈيۈك بېرىتانىيە تەختىگە ئولتۇرۇپ، 2022-يىلى ئ‍ۆلۈپ كەتكەن ئايال پادىشاھ ئېلزابىتنىڭ تەختىگە چىقىپ پادىشاھ بولدى.

7-تۈركىيە پېرەزدىنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان قايتا پېرەزدىنتىلىققا سايلىنىپ، تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئۇزۇن باشلىق بولغان پىرەزدىنتى بولۇش قەدىمىنى باشلىدى.

8-ئۇكرائىنا روسيەگە قارشى قايتۇرما ھۇجۇمىنى  باشلىدى، چوڭ ئۈنۈم قازىنالمىسمۇ ئەمما روسيەگە قاخشاتقۇچ زەربە بىرىپ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى توستى.

9-روسيەنىڭ ۋاگېنىر ئارمىيسى لىدىر پىرىگوۋژىن ئ‍سيان كۆتۈرۈپ،موسكۋاغا يۈرۈش قىلىدى، بىلاروسيەنىڭ كىلىشتۈرۈشى بىلەن ئارقىغا چېكىندى.كىين پۇتىن تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى.

10-ئافرىقانىڭ نىگىر ۋە گابون دۆلەتلىرىدە روسپەرەس  ئارمىيە ئ‍سيان قوزغاپ ھاكېمىيەتنى قولىغا ئالدى.

11-سابىق پىرەزدىنت دونالد تىرامپ ئوخشمىغان شتات تەرىپىدىن 91 جنايەت بىلەن ئەيىپلەندى. 

12-خاماس ئ‍سرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلدى، ئ‍سرائىلىيە گازازغا قايتۇرما ھۇجۇم بىلەن بېسپ كىردى.مېڭلىغان بېگۇناھ خەلق ئۇرۇش قۇربانى بولۇش داۋاملاشماقتا.

13-يەر شارىدا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېز تەرەققىي قىلدى، خەلقئارا جەمئىيەت تەرەققىيات بىلەن ئىدارە قىلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

14-«ئېل نىنو» ھادىسىسى پۈتۈن دۇنيادا ناچار ھاۋا رايى ھادىسىلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، 2023-يىلى خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى «ئەڭ ئىسسىق بىر يىل» بولدى.

15-ختاينىڭ تەسر كۈچى زوريىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن كېسەك ئالتۇن مېخانىزمى ئەزا كۆپەيتتى، ئافرىقا ئىتتىپاقى تەكلىپكە بىنائەن 20 دۆلەت گۇرۇھىغا قاتناشتى.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

2023-يىلى ختايغا ئائىت  ئون چوڭ خەۋەر

پە يانۋار 4 , 2024
1. 14-نۆۋەتلىك  ختاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدا ساختا سايلام ئارقىلىق يېڭى بىر نۆۋەتلىك ختاي دۆلەت رەھبەرلىرى ۋۇجۇدقا كەلدى، دىكتاتۇر شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن ختاي دۆلەت رەئىسلىكىگە، ختاي مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. 2. پۈتۈن ختاي كومپارتىيەسىدە شى جىن پىڭنى مەركەز قىلغان دىكتاتۇرلىشش قەدىمى تىزلەشتى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر «ختايچە» […]
xi Jinping

You May Like