رەسىم مەنبەسى: رەھىمە مەھمۇت خانىمنىڭ فەيسبۇك بېتى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 21-فېۋرال
يۈسۈپجان
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، 21-فېۋرال دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى رەئىسى نەنسى پلوسى خانىم ئامېرىكىنىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىدا ئۇيغۇر پائالىيەتچى،دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەنگىلىيە ئشخانىسى مەسئۇلى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات تەشكىلاتى مەسئۇلى رەھىمە مەخمۇت خانىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم پائالىيەتچىلەرنى كۈتۈۋالغان. رەھىمە مەخمۇت خانىم بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ فەيسبۇك بېتىدە مۇنداق يازغان:
« بۈگۈن ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا نەنسى پلوسى خانىم بىلەن كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم. ئۇنىڭ ئۇيغۇر كرىزىسىنى ھەل قىلىشتىكى كۆڭۈل بۆلۈشلىرى ۋە ۋەدىلىرى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك ئىدى. بىز ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق ئۇسۇللار بىلەن ئامېرىكىنى تەقلىد قىلىپ مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنىغا ئوخشاش قانۇنلارنى چىقىرىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا شۇنداقلا دېموكراتىك ئەللەر رەھبەرلىرىنىڭ ۋەتىنىمدە يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توسۇش ئۈچۈن قانداق ئەمەلىي ماسلاشتۇرۇشلارنى قىلالايدىغانلىقى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتۇق. مەن مەجلىس رەئىسى پلوسى خانىمنىڭ بۇرۇندىن قىلىپ كېلىۋاتقان بارلىق خىزمەتلىرىدىن، بولۇپمۇ مېنىڭ يېقىن دوستۇم نۇرى تۈركەلنى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلىگەنلىكىدىن بەكمۇ مىننەتدارمەن. ئۇنىڭغا ئوخشاش ئىتتىپاقداشلار بىز ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم».