پارتلاتقۇچ:«پرېزىدېنتلىق سايلىمى ساختا»دەپ خەۋەر تارقاتقان فوكس خەۋەرلىرى تۆھمەت جىنايىتى بىلەن 788 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدىغان بولدى
تۇرسۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 18-ئاپرېل
بىرلەشمە ئاگېنتلىق، ۋول سچرىت ، نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى، فوكس خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئوڭ قانات ئاخبارات ۋاسىتىسى فوكس خەۋەرلىرى بۈگۈن ئېچىلغان سوتتا 788 مىليون 500 مىڭ دوللار تۆلەم تۆلەشكە كېلىشتى. فوكس خەۋەرلىرى بىلەن سوتقا چۈشكەن تەرەپ دومىنىن سايلام سىستېمىسى (Dominion)شىركىتى بولۇپ، فوكس خەۋەرلىرى بۇ شىركەتتە « خىتاينىڭ قولى بار، سايلامدا ئەسلىدە تىرامپ ئۇتقان، بۇ شىركەت خىتايغا ماسلىشىپ،بېلەتلەرنى بايدىنغا تاشلاتقۇزغان »دەپ خەۋەر قىلغان. دومىنىن سايلام سىستېمىسى شىركىتىنىڭ فوكس خەۋەرلىرىگە قىلغان ئەرز مەزمۇنى شۇنداق : «فوكس خەۋەرلىرى تىرامپنى قوغداش ۋە تىرامپنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن سايلامنىڭ ئادىل ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، سايلامنى يالغان دەپ خەۋەر تارقاتقان ۋە شىركىتىمىزگە تۆھمەت قىلغان. ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەردە، فوكس خەۋەرلىرى مەسئۇللىرى ئۆز ئارىسىدا سۆزلەشكەندە، سايلامنىڭ نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما پۇل تېپىش ئۈچۈن يالغان گەپ قىلىپ، تىرامپنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن شىركىتىمىزگە تۆھمەت قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان، بۇ ئوچۇق جىنايەت. فوكس شىركىتى مۇخبىرلىرىدىن تاكىر كارلسۇن، شون خەننىتى، ئانگىلا قاتارلىقلار نەچچە يۈز قېتىملىق خەۋەردە بىلىپ تۇرۇپ، سايلام نەتىجىسىنى ساختا دەپ يالغانچىلىق قىلغان خەلقنى ئالدىغان ۋە شىركىتىمىزگە تۆھمەت قىلغان ۋە بىزگە ئېغىر ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان»
2020-يىلى سايلامدا تىرامپ ئۇتتۇرغاندىن كىين، فوكس شىركىتىنىڭ خوجايىنى روبىرت مۇردوك سايلامنىڭ نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فوكس شركتى مۇنداق بايانات بەردى: «…بىز دومىنىن شىركىتى بىلەن يارىشۋالغانلىقىمىز ئۈچۈن خۇرسەنمىز، بىز ئاخباراتچىلىق تۈزۈمىگە رىئايە قىلىمىز…»
روبىرت مۇردوكنىڭ فوكس خەۋەرلىرىدىن باشقا يەنە ۋول سچرىت گېزىتى، نيۇ-يورك پوچتىسى گېزىتى، لوندون تايمىس گېزىتى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، بۇ تاراتقۇلار سايلامدا تىرامپنىڭ ئۇتتۇرغانلقىنى خەۋەر قىلغان.