بىرىنچى ئۆكتەبىر گوللاندىيەدىكى نامايىش ھەرىكىتى

بىرىنچى ئۆكتەبىر گوللاندىيەنىڭ ئامىستىردام دۆلەتلىك مۇزىي ئالدىدا، گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، تىبەت، جەنۇبىي مۇڭغۇل، خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە دېموكراتچى خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورتاقلىقىدا، خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

ئۆز ئۇيغۇر

 

2020-10-1

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

بىرىنچى ئۆكتەبىر گوللاندىيەنىڭ ئامىستىردام دۆلەتلىك مۇزىي ئالدىدا، گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، تىبەت، جەنۇبىي مۇڭغۇل، خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە دېموكراتچى خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورتاقلىقىدا، خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى. نامايىشنى گوللاندىيە ياشا ئۇيغۇر تەشكىلاتى تەشكىللىدى.
نامايىش شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشىنىڭ ئوقۇلۇشى بىلەن باشلاندى، ئارقىدىن يېتىلىۋاتقان تالانتلىق ياش ئەلئېرىك ئېنگىلىزچە تولىمۇ تەسىرلىك ۋە ئىخچام نۇتۇق سۆزلىدى، نامايىشتا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى سەھنىدە سۆز قىلدى.
نامايىشتا يەنە لاگېر شاھىدى قەلبىنۇر سىددىق قىسقىچە سۆز قىلىپ كۆزلەرنى ياشلاتتى، قەلىبلەردە قىساس ئوتىنى قايتا يالقۇنجاتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى:« بىز ئۇشبۇ مىنۇتلاردا بۇ يەرلەردە خىتايغا قارشى نامايىش قىلۋاتقاندا، مىليۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىز تۈرمىلەردە، لاگېرلاردا قىين-قىستاق ۋە دەھشەتلىك ئازابلارغا مۇپتىلا بولماقتا، بىز ئاشۇلارنى قۇتقۇزۋېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. خىتاينىڭ ھالاكىتىگە ئاز قالدى.»
ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئەزاسى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە تەشۋىقات مەركىزى رەئىسى ئابدۇقەييۇم گوللاند تىلىدا ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ ھازىرقى ھالىتى ھەققىدە سۆز قىلدى.
بۈگۈنكى نامايىشتا دىققەتنى تارتىدىغان نۇقتا بولسا « خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر» دەپ سۆز باشلىغان تەيۋەن ۋەكىلىگە قارشى ئاكىتىۋىست ئەنۋەر ئەردەمنىڭ «بىز ئاز سانلىق مىللەت ئەمەس! بىز خىتايدىن ئەمەس!» دەپ قاتتىق رەددىيە قايتۇرىشى ۋە بۇ تەيۋەن ۋەكىلىنىڭ سەھنىدىن چۈشۈرۋېتىلىشى بولدى.

 

توختىماي يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي نامايىش تولىمۇ جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى، ئۇيغۇر بايرىقى كۆكلەردە جۇلالاندى.

UT-Uyghur Reporter 15

Next Post

مېركېل: خىتاي ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قەبىھ ۋە ۋەھشىيانە مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ

جۈ ئۆكتەبىر 2 , 2020
فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ مالىيە خامچوتى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئومۇمىي مۇزاكىرىسىدە، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش سىياسىتىنى ئاقلىدى. خىتايغا قارىتىلغان سىياسىتىدە توختالغاندا، مېركېل ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق تىل ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قىلغان «قەبىھ ۋە ۋەھشىيانە مۇئامىلىسى» نى ئەيىبلىدى. ئۇ يەنە خوڭكوڭ مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە سۆز ئەركىنلىكى توغرىسىدىمۇ توختالدى.

You May Like