ئەركىنلىك ۋە غورۇر ئۈچۈن قىلىنغان ئاخىرقى كۆرەش!

«ئۇلار بىزنى قۇللارغا ئايلاندۇرۇۋەتمەكچى ئىدى، ئەمما ئەركىن ئادەملەرلا قارشىلىق كۆرسىتەلەيدۇ! «

ئاسىيە ئۇيغۇر

2019-2-2

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

«ئۇلار بىزنى قۇللارغا ئايلاندۇرۇۋەتمەكچى ئىدى، ئەمما ئەركىن ئادەملەرلا قارشىلىق كۆرسىتەلەيدۇ! «

يۇقىرىدىكى بىر جۈملە سۆز ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى يەھۇدىي قىرغىنچلىقىدىن ئامان قالغان پولشالىق بىر يەھۇدىي ئايالنىڭ سۆزى بولۇپ، بۇ ئايالنىڭ ئەسلىمىلىرىنى ئوقۇۋاتقىنىمدا كاللامنى چىرمىۋالغىنى ئاجايىپ بىر تۇيغۇ. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى تارىخلارنىڭ تەكرارلىنىشى، ماڭا ئۈمىد بەرگىنى قارشىلىق كۆرسىتىش ئىمكانىدىن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىلگەن يەھۇدىيلارنىڭ ھايات – ماماتلىق كۆرەشكە قەھرىمانلارچە ئاتلىنىشى……..

ئۇ يەھۇدىي ئايال ئەسلىمىسىدە مۇنداق دەيدۇ: پولشانىڭ ۋارشاۋا شەھىرى ئاسمىنىدا جىددىي سىگنال ئاۋازى ئاڭلاندى. چېركاۋ قوڭغۇراقلىرى جاراڭلاپ، كوچىلاردىكى ماشىنىلار، ئادەملەر ئۆز ئورنىدا توختىشىپ سۈكۈتتە تۇرۇشتى. پۈتكۈل شەھەر بۇنىڭدىن 70يىل ئاۋۋالقى 19-ئاپرىلدىكى <يەھۇدىيلار قارشىلىق ھەرىكىتى> ئۈچۈن تەزىيە ۋە ھۆرمەت بىلدۈرىۋاتاتتى.

1943-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى پولشانىڭ يەھۇدىيلار رايونىدا 750نەپەر يەھۇدىي پىدائىيسى ئېغىر تىپتىكى قوراللار بىلەن قوراللانغان، ياخشى تەربىيىلەنگەن، مۇنتىزىم بىر گېرمانىيە ئەسكەرلىرىگە قارشى كۆرەشنى باشلىغان. بۇ يەھۇدىي جەڭچىلىرى گېرمانىيە ناتسىستلىرى بىلەن 1ئاي جان تىكىپ كۆرەش قىلغاندىن كېيىن، 16-مايغا كەلگەندە بۇ قارشىلىق ھەرىكىتى گېرمانىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ، 56مىڭ يەھۇدىي قولغا ئېلىنغان ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 7000يەھۇدىينى ئۆلتۈرۈلۈپ، قالغانلىرى جازا لاگىرلىرىغا قامالغان.

ئەينى يىللىرى بۇ يەھۇدىي ئايال شاھىد 14 ياش بولۇپ، يېشى كىچىك بولغىنى ئۈچۈن بۇ ھەرىكەتتىن چېكىندۈرۈلگەن ۋە ئامان قالغان.

بۇ ئايال مۇنداق دەيدۇ:» بىز گېرمانىيە ئەسكەرلىرىگە ئۇتتۇرۇپ قويغىنىمىز يوق، بەلكى ئىس – تۈتەكلەرگە ئۇتتۇرۇپ قويدۇق! ئەگەر ئۆزۈم قارار قىلىشقا مۇمكىن بولسا ئىدى، مەن چوقۇم ئۇ يەردە قېلىپ، جەڭ قىلغان بولاتتىم. چۈنكى قارشىلىق ھەرىكىتى يەھۇدىيلارنىڭ پەخرى بولۇپ، بىز بۇ ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ناتسىستلارغا، بىزنىڭ ئۇلار ئارزۇ قىلغان ئۇسۇلدا ئۆلمەيدىغانلىقىمىزنى جاكارلىدۇق».

بۇ ئايال شۇ قېتىملىق قارشىلىق ھەرىكىتىدە ئامان قالغاندىن كېيىن مەلۇم بىر جازا لاگىرىغا قامالغان ۋە ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن لاگىردىن ئامان – ئېسەن چىقىپ، ئىسرائىلىيەگە قايتىپ يېڭى ھاياتىنى باشلىغان. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ:» مېنىڭ دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. ھېچكىم ئىككىلىنىپ باقمىدى. ئۇلارنىڭ بۇنداق پىداكارلىق كۆرسىتەلىشى دەل بىزنىڭ ھۆر ياشىيالىشىمىز ئۈچۈن ئىدى. مەن ئۆزۈمنى ئەزەلدىن بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دەپ ئويلىمايمەن. چۈنكى مەن ئىزچىل قارشىلىق كۆرسىتىپ كەلدىم. ناتسىستلار بىزنى قۇلغا ئايلاندۇرماقچى بولۇشتى، ئەمما پەقەت ئەركىن ئادەملەرلا قارشىلىق كۆرسىتەلەيدۇ! «.

1939-يىلى 31-ئاۋغۇسىتتا، گېرمانىيە پولشاغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بۇ دۆلەتنى بېسىۋالغان. ئەينى چاغدا پولشانىڭ پايتەختى ۋارشاۋانىڭ نوپۇسى 1مىليۇن 350مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەھۇدىيلارنىڭ سانى 350مىڭ ئىدى. گېرمانىيە ناتسىستلىرى پولشادا مەخسۇس يەھۇدىيلار رايونى قۇرۇپ، بارلىق يەھۇدىيلارنى بۇ يەرگە توپلىغان. بۇ يەرنىڭ ياشاش شارائىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، تەخمىنەن 13ئادەم بىر ھوجرىدا يېتىشقا توغرا كەلگەن. سۇ، گاز، توك ۋە ئېلېكتېر قاتارلىقلار كېسىپ تاشلانغان بولۇپ، سوغۇق، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىك سەۋەبىدىن بۇ يەردە ھەر كۈنى 1500گە يېقىن يەھۇدىي جېنىدىن ئايرىلىدىغان ئەھۋال شەكىللەنگەن. مۇشۇنداق بىر ئېغىر شارائىت ئاستىدا يەھۇدىيلارنىڭ بىر دىنبىر ئارزۇسى ھايات قېلىش بولغان.

دەل شۇنداق بولغىنى سەۋەب ، ھېچكىم يەھۇدىيلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارالايدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەن. ئەمما بۇنداق بىر ھەرىكەت يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز ھاياتىدىن كېچىپ، قوللىرىغا ئۆزلىرى ياسىغان بومبا، پولشالىقلارنىڭ يەر ئاستى تەشكىلاتلىرىدىن سېتىۋالغان ئاددىي تاپانچا قاتارلىق قوراللار بىلەن قوراللانغان 220نەپەر يەھۇدىي جەڭچىسىنىڭ پىداكارلىقى بىلەن باشلانغان.

ئەسلىمىدە ، ئىسرائىلىيە يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش ئورنىنىڭ بىر تەتقىقاتچىسى مۇنداق دەيدۇ:» ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغىنى، 3يىللىق ناتسىستلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەردىن كېيىن ، بۇ كىشىلەردە يەنە ناتسىستلارنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنمايدىغان ، ھەتتا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ قارشىلىق كۆرسىتىدىغان كۈچىنىڭ بولغانلىقىدۇر».

بۇ كۆرەشتە ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىتىنى قۇتقۇزۇش ئەمەس، بەلكى كۆرەشتە غەلىبە قىلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس بولۇپ، گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ھەممە نەرسىلىرىدىن ئايرىلغان يەھۇدىيلار قارشىلىق كۆرسەتمىگىنىدىمۇ بەرىبىر ھەر خىل ئاماللار بىلەن ناتسىستلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. شۇ سەۋەب، شۇنداقلا ئۆلۈپ كەتكەندىن ئەلۋەتتە قارشىلىق كۆرسىتىپ ئۆلۈشنى ئەۋزەل ھېسابلىغان.

ئۇ چاغلاردا پولشادىكى بۇ يەھۇدىيلارغا پولشالىقلارمۇ ياردەم بەرمىگەن بولۇپ، پولشالىقلار يەھۇدىيلارغا ئىشەنمىگەن. ئەينى چاغدىكى پولشالىقلار يەھۇدىيلارغا ئىشەنمەيلا قالماستىن، بەلكى يەھۇدىيلارنى خۇددىي گېرمانىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا ئوخشاشلا ئۆزلىرىگە ئورتاق دۈشمەن ھېسابلىغان.

مەن بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقىنىمدا ھازىرقى ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ۋە خىتاي خەلقلىرىنىڭ گەرچە خىتاي كوممۇنىست ھاكېمىيتىنىڭ زۇلمىغا قارشى بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر خەلقىنى ئوخشاشلا دۈشمەن كۆرگىنى ئۈچۈن ئۇلارغا ياردەم ئەمەس، بەلكى ھېچقانداق ھېسداشلىق تۇيغۇسىدىمۇ بولماسلىقىنىڭ ئەينى چاغدىكى پولشالىقلار بىلەن بۇنچە ئوخشاشلىق بارلىقىدىن ھەيران بولدۇم. يەھۇدىيلارنىڭ ئېچىنىشلىق تارىخىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدە قايتا تەكرارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرغان ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە ياشاپ ئۆتكەن خىتاي خەلقىنىڭ قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇشى مېنى تولىمۇ غەزەبلەندۈردى.

يەھۇدىي قىرغىنچلىقىدىن ئامان قالغان يەنە بىر يەھۇدىينىڭ مەزكۇر ئەسلىمىدە دېگەن مۇنداق بىر سۆزى ماڭا ئۈمىد ۋە ئىلھام ئاتا قىلدى:

قورقۇنچ، يېتىم قالدۇرۇلۇش قىسمىتى كىشىلەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشىغا سەۋەب بولغىنىدا، بۇ ھەقىقەتەنمۇ كىشى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان مۆجىزىلەر ۋە بەختكە تولغان مىنۇتلار بولىدۇ. بۇ قېتىملىق قارشىلىق ھەرىكىتى بولسا، غورۇر ۋە ئارزۇ- ئۈمىدلىرى تارتىۋېلىنغان كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھايات – ماماتلىق تىركىشىشى بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ناتسىستلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ئاستىدا ئۆزلىرىگە قالدۇرۇلغان بىردىنبىر <ئىنسانلىق غۇرۇرى>نى قوغداش ئۈچۈن كۆرەش قىلدى! ھەقىقىي قەھرىمانلار دەل جازا لاگىرىدىكىلەردۇر!

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقۇقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: ۋەتەنسىز قالدۇق، ئۈمىتسىز قالمايمىز

يە فېۋرال 3 , 2019
تۈنۈگۈن كانادادىن بىر ئىنىمىز كەلدى. 2006-يىلى كاناداغا كەلگەندە يۈك ماشىنىلىرىغا ھامماللىق قىلىپ ئىش باشلىغان ئىكەن،

You May Like