تەرجىمە: يىپەك يولى ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ جەسىتى

تارىختىكى يىپەك يولىنى قايتا جانلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش 21-ئەسىردە «بىر بەلبەغ ،بىر يول»شوئارى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلۋاتىدۇ. يىپەك يولىنىڭ تارىخىغا قارايدىغان بولساق بۇ يول تارىختىمۇ ئوخشاش «بەلباغ،يول»نامى بىلەن تۇنۇلغان. بۇ يول قۇرلۇشنىڭ ئۆزئىچىگە ئ‍الغان تۈرلىرى بولسا تاشيول،تۈمۈر يول، يەر ئاستىغا كۆمۈلگەن ھەرخىل ئېنېرگىيىلەرنى ئۇزىتىش لىنىيىلىرى، ئېنتىرنىت ۋە ئېلېكتىر ئىنىگىريسىنى يەتكۈزۈش لىنىيىلىرى قاتارلىق مۇھىم تۈرلەردىن ئىبارەت. مېنىڭ بۇ ماقالەمدە يىپەك يولىنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىدىغان مۇھىم نوقتا بولسا :يىپەك يولى پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىگىچە تۇتىشىدىغان بولۇپ ، پارىس

2018-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى

ئەل-ۋەتەن خەۋەر تورى

فاتىمە ئابدۇللاھ خېلىل

تەرجىمە قىلغۇچى: ھىدايەتۇللاھ

تەھرىر: تارىم ئۆتۈكەن

   

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

   

تارىختىكى يىپەك يولىنى قايتا جانلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش 21-ئەسىردە «بىر بەلبەغ ،بىر يول»شوئارى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلۋاتىدۇ. يىپەك يولىنىڭ تارىخىغا قارايدىغان بولساق بۇ يول تارىختىمۇ ئوخشاش «بەلباغ،يول»نامى بىلەن تۇنۇلغان. بۇ يول قۇرلۇشنىڭ ئۆزئىچىگە ئ‍الغان تۈرلىرى بولسا تاشيول،تۈمۈر يول، يەر ئاستىغا كۆمۈلگەن ھەرخىل ئېنېرگىيىلەرنى ئۇزىتىش لىنىيىلىرى، ئېنتىرنىت ۋە ئېلېكتىر ئىنىگىريسىنى يەتكۈزۈش لىنىيىلىرى  قاتارلىق مۇھىم تۈرلەردىن ئىبارەت. مېنىڭ بۇ ماقالەمدە يىپەك يولىنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىدىغان مۇھىم نوقتا بولسا :يىپەك يولى پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىگىچە تۇتىشىدىغان بولۇپ ، پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن توختاملاشقان چوڭ مەبلەغلىق ھەرخىل تۈردىكى سودا توختام تۈرلىرى يىپەك يولىسىز تاماملانمايدۇ.

خىتاي بىلەن پارىس قولتۇقى  دۆلەتلىرىنىڭ كەلگۈسىدە ئىشەنچكە تولغان دوسلۇق ئۈمىدى بار. خىتاي نېفىت ئىمپورتىدا ھىندىىستان ياكى باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئەرەب دۆلەتلىرىدىن كۆپ ئىمپورت قىلىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ خىتاينىڭ سىياسى، ئىقتىسادى، ھەربى كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرسى. بۇ كۈچ بولسا خىتايدىكى 55 مىللەتكە سوزۇلغان كۈچ بۇلۇپ بۇ مىللەتلەرنىڭ ئىچىدە مۇسۇلمان قەۋمىدىن بولغان ئۇيغۇرلارمۇ بار. ئۇيغۇرلار ئۆزىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرۈك قەۋمى بىلەن بىر قەۋىم دەپ قارايدىغان بولغاچقا  خىتايلار بىلەن پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ. شەرقى تۈركىستان(شىنجاڭ)دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى  شەرقى تۈركىستان نوپۇسىنىڭ45%نى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ ئۇيغۇرلار گەرچە 1949-يىلى خىتاي كوممونىستىك پارتىيىسى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىنغان بولسىمۇ 20-ئەسىردە ئۇلار مۇستەقىل جۇمھىريتىىنى قۇرۇشقا نائىل بولغان.

زىددىيەتلىك توقۇنۇشلار: ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى كوممونىستىك پارتىيە باراۋەر مۇئامىلە قىلمىدى دەپ دەۋا قىلىۋاتىدۇ. ئەكىسچە جۇڭگو ھۆكۈمىتى بولسا ئۇيغۇر پىدائىيلىرىنى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى چىقىرىۋاتىدۇ، مۇستەقىل بولۇش داۋاسىنى قىلىدۇ دەپ ئەيىپلەۋاتىدۇ ۋە بۇنىڭغا 2009-يىلى 7-ئايدا شەرقى تۈركىستاننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە تەخمىنەن 200خىتاينىڭ ئۆلگەنلىكىنى دەلىل قىلىدۇ. 2016-يىلى خىتاي كومپارتىيىسى ئۆزىنىڭ پارتىيە ئەزاسى زالىم چېن چۈەنگونى شەرقى تۈركىستاننىڭ بىرىنچى قول سېكىرتارلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىدى. ئۇنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كىيىنكى تۇنجى نىشانى ۋە سىياسىتى بولسا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى مەركەز قىلغان بىخەتەرلىكنى قوغداش تەدبىرىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن يۈرگۈزۈش، ۋە شەھەرلەرگە كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنى نازارەت قىلىش ساقچى پونكىتلىرىنى قۇرۇپ بۇنى «خەلققە قولاي ساقچى پونكىتى»دېگەن نام بىلەن پەردازلاپ بۇ رايوندا مۇسۇلمانلارنى قاتتىق باستۇرۇش بولدى.

زالىم چېن چۈەنگو بۇ قاتتىق قول باستۇرۇش سىياسىتىنى تىبەتتە سېكىرتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۈتىگەندىمۇ  يۈرگۈزگەن بولۇپ، تىبەتىكى باستۇرۇش  سىياسەتلىرىنى شەرقى تۈركىستاندا قايتا يۈرگۈزدى. چېن چۈەنگونىڭ تىببەت ۋە شەرقى تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن قاتتىق قول باستۇرۇش سىياسىتى ئۇنىڭ خىتايدىكى ئەڭ ھوقۇقدار 25 كىشىنىڭ قاتارىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولدى. ئەمما بۇ سىياسەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى بولسا شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاساسلىق نوپۇسى بولغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ئېدى ۋە شۇنداق نەتىجىلەندى. بۇ زىيانكەشلىكنىڭ چوڭ تۈرلىرىدىن يەرلىك ئەسلى تۇپراقنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلار ئانا ۋەتەننى تاشلاپ ياقا يۇرتلارغا كېتىشكە مەجبۇرلىنىش، كۆچۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىغا جۇڭگودىكى باشقا مىللەت ۋە خىتايلارنى شەرقى تۈركستانغا ۋە شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆيلىرىگە مەجبۇرى يەرلەشتۈرۈش،ئەسلى يەرلىك خەلقنىڭ كۆچمەنلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يۇرتىغا كۆچۈپ كېلىشىگە قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى مىسال قېلىشىم مۇمكىن.

 

   خۇلاسە

بىز خىتاي بىلەن سودا توختام كېلىشىمى ئىمزالاۋاتقان ۋاقىتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا ئىزچىل دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ ،دىننى قېرىنداشلىرىمىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ قېنى بىلەن بويالغان يىپەك يولىنى بىز قانداقمۇ ئىشلىتىمىز؟؟؟؟؟؟! مەن شۇنىڭغا  ئىشىنىمەنكى پارىس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەر خىتاي بىلەن بولغان سودا كىلشىملىرىدە ئۈزدىكى ئەۋزەللىكلەردىن  پايدىلىنىپ يىپەك يولىدىكى ئالاقىنى ئۈزمىگەن ئاساستا ئ‍ۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش ۋە ئۇلارنىڭ بېسىمنى يېنىكلىتىشكە كۈچ قوشقۇسى.

   

ئىلاۋە :بۇ قىسقا ماقالە مىسىر ۋەتەن گېزىتىنىڭ ئەرەبچە تور بېكتىدىن تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ماقالە گەرچە قىسقا ، ۋەتىنمىزنىڭ ھازرىقى ۋەزىيىتى تەپسىلى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ ئالغا سۈرگەن ئېدىيەسى ۋە ماقالىنىڭ تېمىسى پېقىرنى قىزىقتۇرغان بولغاچقا ئەينەن تەرجىمە قىلىپ قويدۇم.

 

مەنبە: http://synurl.com/MLP99G

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

تەرجىمە:مايك پەنس: جەنۇبى خىتاي دېڭىزى ھېچقانداق بىر دۆلەتكە تەۋە ئەمەس

جۈ نويابىر 16 , 2018
ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزدېنتى مايك پەنس جۈمە كۈنى مۇنداق دېدى ، جەنۇبى خىتاي دېڭىزى ھېچقانداق بىر دۆلەتكە تەۋە ئەمەس، ئامېرىكا داۋاملىق تۈردە خەلقئارا قانۇن يول قويغان دائىرىدە كېمە ۋە ئايروپىلانلارنى ھەيدەيدۇ.

You May Like