تۈرك ئادۋوكاتلار بىرلەشمەسى ب د ت غا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئىلتىماس سۇندى

 تەرجىمىدە : ھەبىبۇللا ئىزچى

2020-6-26

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

تۈرك ئادۋوكاتلار بىرلەشمەسىدىكى يۈز ئادۋوكات بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ سۇنغان ئىلتىماسى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلدى.

تۈرك دۇنياسى، ئىسلام دۇنياسى ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ قانىغان يارىسى شەرقىي تۈركىستاندا  كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىغا قارشى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە يوللانغان  ئەرز، ئىلتىماس خىزمىتىمىز دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى خەۋەرلەردە قىزىق نوقتا بولدى.

بۈگۈندىن باشلاپ، بىزنىڭ ئەرز، ئىلتىماسىمىزنىڭ رەسمىي شەكىلدە سۇنۇلغانلىقىنى ۋە ئىلتىماسىمىزنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئىلتىماس تەرتىپىگە ئاساسەن، كېڭەشكە سۇنۇلغانلىقىنى جاكارلايمەن. ب د ت تەرەپتىن ئەرزىمىزنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ھەققىدىدىكى تۇنجى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق، ۋە  بىزگە ئەرزلىرىمىزنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى تەھقىقات جەريانىنىڭ باشلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سۇنۇلغان ئىلتىماسىمىز ئون ئىككى  تېمىدا ئىنسان ھەق–ھوقۇقلىرىغا دەخلى-تەرۇز قىلىنغانلىقى ھەققىدە  يوللاندى.

ھەر بىر تېمىدا ھەق-ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دوكلاتى بىلەن بىللە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دېلو قانۇنىغا ئۇيغۇن ھالدا ئىسپاتلىق شەكىلدە يوللاندى.

كونكېرت قىلىپ ئېيتقاندا، ئەرزىيەت دائىرىسىدىكى تەلەپلىرىمىز ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ھەققىدىكى شىكايەتلىرىمىز كونكرېت ئۇچۇر، ھۆججەت ۋە دوكلاتنى ئاساس قىلغان،  ب م قانۇنىغا ئۇيغۇن بولۇپ، مەزمۇنىدا ھېچقانداق سىياسىي ۋە ئىدىيەۋى ئىپادىلەش قوللىنىلمىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئېنىق ۋە تەپسىلىي كۆرىدۇ.  بىز ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپ ۋە ئەرزلىرىمىز ئون ئىككى تېما ئاستىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، زىددىيەت ۋە ئابستراكىت تەلەپ يوق. تەتقىقاتىمىزدا خەلقئارا قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپى دائىرىسىدە  ئومۇمىي قانۇنغا ماس كېلىدىغان  ۋە ب د ت نىڭ ئىلتىماس قىلىش تەرتىپىگە ئاساسەن تامامەن قانۇنلۇق بولغان ئۇسۇل بويىچە يوللاندى.

ئەرزىمىز تۈركىيەدىكى ھەر قايسى ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىگە تىزىملاتقان (100) ئادۋوكاتنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن تۈزۈلدى ۋە يوللاندى.  مەن بۇنىڭغا كۈچ چىقارغان  بارلىق خىزمەتداشلىرىمىزغا  مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

ئەرزىيەت تەتقىقاتى، تېخنىكىلىق خىزمەت جەريانى، يېزىقچىلىق جەريانى ۋە تەرجىمە جەريانىغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتناشقان، قانۇن ۋە ئىدىيە سۇپىمىزدىكى بارلىق  ئەزالارغا رەھمەت ئېيتىمەن.

  رەسمىي ئەرزىمىزنىڭ قوبۇل قىلىنىشى بۇ يولدىكى خىزمىتىمىزنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ.

ئەرز خىزمىتىمىزنىڭ جەريانىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن، نۆۋەتچى ئايروپىلانلار قاتنىغاندىن كېيىن  بىز ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن جەنۋەگە بارىمىز، بۇ جەريان خىزمەتداشلىرىمىزنىڭ بىۋاسىتە نازارەتىدە بولىدۇ. شۇنداقلا، جۇڭگو تەرەپنىڭ جاۋاب خېتىمۇ  تەكشۈرۈلىدۇ ۋە ئامما بىلەن ئورتاقلىشىلىدۇ.

ھەم كۆپچىلىككە شۇنىمۇ دەپ ئۆتمەكچى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەق-ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنى سادىر قىلغۇچىلار،  جۇڭگو ھۈكۈمىتى  ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغىنىغا ۋە يالغانغا چىقارغىنىغا ئوخشاشلا، ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولمىغان دۈشمەنلىك نەزەرىدە قارايدىغان باشقىلار، بولۇپمۇ ئاتلانتىك ئوكياندىكى بەزەنلەر تەرىپىدىن دېپلوماتىك دەسمىي قىلىنماقتا.

ئىشىنىمىزكى، پائالىيىتىمىز بۇ ئىنكار قىلىش ۋە سۇيىئىستېمال قىلىنىشنىڭ سىرتىدىكى ئوبيېكتىپ قانۇنىي كۆز قاراشنى ئاساس قىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ساغلام بىر قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىدۇ.

قېرىنداشلىرىمىز تارتقان ئېغىر ۋەھشىيلىكلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرى بۇنى ئىنكار قىلغۇچىلار بىلەن سۈيىئىستىمال قىلغۇچىلارنىڭ جىددىيلىكى ئارىسىدا سەرمايىگە ئايلىنىپ قالدى.   بۇ سەۋەبتىن، بىزدەك ھەر قانداق مەنپەئەت كۈتمىگەن، پىداكار بىر كۈرەشچان ئاكتىپلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى شەرتتۇر. بۇ قىلغانلىرىمىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ  قېنى ۋە كۆز ياشلىرىغا، ئۇلار ئۇچرىغان زۇلۇم ۋە جاپا–مۇشەققەتكە، دەردىگە ئازراق مەلھەم بولسا،  بۇ  بىزنىڭ بىردىنبىر ئارزۇيىمىز.

قانۇن ۋە پىكىر  سۇپىسىغا ۋاكالىتەن    ھۆرمەت بىلەن:

ئادۋۇكات فارۇق كەلەشتېمۇر

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاينى ئۇيغۇرلار ھەققىدە كەسكىن ئەيىپلىدى

شە ئىيۇن 27 , 2020
يىلى 26-ئىيۇن جەنۋە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانىي ھەقلىرى كېڭىشى مۇتەخەسىسلىرى خىتايدىكى يادرولۇق ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداشقا كەسكىن تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى

You May Like