ئىستانبۇلدىكى خىتايچە خەتلەر قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىماقتا

تۈركىيەدىكى مېترو، تىرەمۋاي قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش بىكەتلىرگە يېزىلغان خىتايچە بىكەت ئىسمى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، ئۇيغۇر دەۋاسىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كىلۋاتقان ھەرقايسى تۈرك جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلار، بىرقىسىم پارتىيە، مىللەت ۋەكىللىرى

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

2019-10-5

تەييارلىغۇچى: سەدەف

  تۈركىيەدىكى مېترو، تىرەمۋاي قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش بىكەتلىرگە يېزىلغان خىتايچە بىكەت ئىسمى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، ئۇيغۇر دەۋاسىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كىلۋاتقان ھەرقايسى تۈرك جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلار، بىرقىسىم پارتىيە، مىللەت ۋەكىللىرى ، جۈملىدىن نۇرغۇنلىغان تۈرك خەلقىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچىردى. فاتىھ تىلۋىزىيەسى، قارار گېزىتى ، مىللىي گېزىت، يىلتىز تەشكىلاتى، ئىسلامنى قوغداش تەشكىلاتى قاتارلىق ئورۇنلار ئۆزلىرنىڭ ھەرقايسى سوتسىئال مىدىيا توربەتلىردە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ تىل _يېزىقىنى چەكلەۋاتقانلىقى ۋە بەش مىليوندىن كۆپ ئۇيغۇرنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگىردا جان تالىشىۋاتقان مۇشۇنداق بىر ۋاقىتتا بىكەتلىرگە خىتايچە ئىسىم يېزىلىشىنى تۈرك خەلقىنىڭ ئەسلا قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا بولغان نارازىلىقىنى ئۇچۇق ئىپادىلىدى. ئالپەرەن ئوجاكلارى ئىستانبول رەئىسى كۈرشات مىنجان ئۈزىنىڭ شەخسى تور ھىسابىدا» بىكەتلەرگە خىتايچە ئىسىم يېزىشنىڭ بىر ئېنىقلىمىسى يوقلىقىنى ،بۇخىل ئەھۋالنىڭ ھىچبىر دۆلەتتە يول قۇيۇلمىغىننى، مەيلى قانداقلا بولسۇن بۇنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەگە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت رەھبەرلىرنىڭ يىتەكچىلىكىدە ساياھەت قىلدىغانلىقىنى ، بۇنىڭ پەقەت مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ قەلبىنى يارا قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى» ئوتتۇرىغا قويدى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن بۇ ئىشنى دەرھال توختۇتۇشنى تەلەپ قىلدى. ئېيى پارتىيە ئىستانبۇل باشلىقى بۇغرا كاۋۇنجۇ بىكەتلەرگە يېزىلغان خىتايچە خەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەتكەنلىكىنى ۋە بۇ ئىشقا يېقىندىن كۆڭۈل بۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بىرقىسىم مىللەتچى تۈرۈك ياشلىرى بىكەتلەردىكى خىتايچە خەتلەرنى يىرتىپ تاشلىدى ۋە كۆك بايراقلارنى ئېسىپ قويدى.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

خوڭكوڭ باش ئەمەلدارىنىڭ نىقابنى چەكلىشى ۋە ئارقىسىدىكى «قارا قول»

يە ئۆكتەبىر 6 , 2019
خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ دۆلەت بايرىمى ئاخىرلىشىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىنلا بېيجىڭ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئىرادىسى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان خوڭكوڭ باش ئەمەلدارى كەرى لام خوڭكوڭدا «جىددى ئەھۋال نىزامنامىسى»نى ئېلان قىلدى. بىرىنچى بولۇپ نىقابلىنىشنى چەكلىدى.

You May Like