يەكەن قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇماڭ

يەكەن قىرغىنچىلىقى

 

 ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

  
بۈگۈن بۇنىڭدىن7 يىل بۇرۇن يەنى 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقى تۈركىستاننىڭ  يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئىلىشقۇ ۋە خاڭدى يېزىلىرىدا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىغا 6 يىل بولغان كۈن. يەكەن- ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان يەكەن سەئىدىيە خانىدانلىقىنىڭ ( 1514- 1694 ) پايتەختى بولۇپ ئۇيغۇر تارىخىدا سىياسىي،ئىقتىساد، ئىلىم -مەرىپەت قاتارلىق جەھەتلەردە يۈكسەك مەدەنىيەت ياراتقان بىر خاقانلىقىنىڭ ئىزناسىنى قالدۇرغان قەدىمىي شەھەر.
2014-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى رامزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى بولغاچقا كىشىلەر ئاساسىي جەھەتتىن كېچىلىرى ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىدىغان بولغاچقا 40 قا يېقىن ئاياللار بىر ئۆيگە يىغىلىپ ئىبادەت قىلىدۇ، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان خىتاي قوراللىق ساقچىلىرى ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ بۇ ئاياللارنى قىرىپ تاشلايدۇ. ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئەرلىرى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى جەسەتلەرنى كۆتۈرۈپ ساقچىخانىغا بېرىپ ساقچىلاردىن بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ساقچىلار ئۇلارغا قارىتا ئوق چىقىرىدۇ. نەتىجىدە، يۇرت خەلقى قوزغىلىپ نارازىلىق نامايىشى قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نامايىشچىلارنىڭ دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانلىق باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ ساقچى ،  ئارمىيە، بىروۋنىك ، تىك ئۇچار ھەتتا ئۇچقۇسىز ئايروپىلانلارنى ئىشقا سېلىپ ئېلىشقۇ، خاڭدى، دۆڭباغ، قوشئېرىق قاتارلىق يېزىلاردا كەڭ كۆلەملىك قىرغىن قىلىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىپ ئەڭ ئاز دېگەندە 5 مىڭدەك ئادەمنى قىرىپ تاشلايدۇ ۋە نەچچە مىڭ ئادەمنى تۇتقۇن قىلدۇ.
خىتاي  ھۆكۈمىتى بۇ قېتىملىق قىرغىنچىلىق ھەققىدە 59 نەپەر نامايىشچى، 39 نەپەر پۇقرا بولۇپ، جەمئىي 96 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 250 دىن كۆپ كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ،ئەمەلىيەتتە بۇ پەقەتلا تاشقى دۇنيانى ئالداش ئۈچۈن دېيىلگەن سانلار ئىدى.  چۈنكى بۇ قىرغىنچىلىقتا ئامان قالغان  لېكىن بۇنىڭغا شاھىت بولغان بارلىق پۇقرالار تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىلەردە ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئۇزۇن يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان . پۈتكۈل يېزا قۇرۇقدىلىپ قالغان ،  جەسەتلەر نەچچە كۈندىمۇ بىر تەرەپ قىلىنىپ بولۇنمىغان ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ  پەقەت يۈزگە يەتمەيدىغان ساندىكى ئۆلۈم -يېتىم دەپ ئېلان قىلىشى ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس .  بۇ خۇددى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ  ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقىلىپ پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان ۋۇخەن ۋىرۇسى ھەققىدە يالغان، ساختا سىتاستىكا قىلىپ دۇنيانى ئالدىغانغا ئوخشاش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قىلغان يالغانچىلىقى خالاس .  لېكىن بۇ قېتىملىق قىرغىنچىلىقتا ۋە خىتاينىڭ سۇيىقەستىدە  ئۇيغۇرلارنىڭ تۈلىگەن بەدىلى بەك زور بولۇشىغا قارىماي،  خىتاي  ھۆكۈمىتى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇيغۇرلارنى خەلقئاراغا زوراۋان ۋە دىنى ئاشقۇن قىلىپ سۈپەتلەپ ،  شۇ يىلنىڭ ئاخىردىن باشلانغان جازا لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىشىغا يول ئاچقان.
گېرمانىيەدىكى «خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 28- كۈنى « يەكەن قىرغىنچىلىقىنىڭ 2 يىللىقى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، 1989-يىلى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» بىلەن 2014-يىلى 28-ئىيۇل يەكەندە يۈز بەرگەن «ئېلىشقۇ ۋەقەسى» نى سېلىشتۇرغان ئىدى. ماقالىدە: «تيەنئەنمېن ۋەقەسى خىتاي خەلقى ئۈچۈن قانداق مەنىنى بىلدۈرسە، ئېلىشقۇ قەتلىئامىمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شۇنداق مەنىنى بىلدۈرىدۇ» دېگەن.
گەرچە پۈتۈن دۇنيا بۇ قىرغىنچىلىق ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرغان بولسىمۇ لېكىن ئۇيغۇرلار قىرغىنچىلىقتا بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلگەن قېرىنداشلىرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ. بىز ئۇيغۇر خەلقى شۇنداق بىر كۈن كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز جىنايەتلىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدىغانلىقىغا ۋە سوراققا تارتىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.  ۋىجدانىنى يوقاتمىغان، ھەقىقەت ۋە ئىنسانىيلىق تۇيغۇسى  ئۆلمىگەن بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي داۋاسىنى قوللايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.  شۇنداقلا ئۇيغۇرلار  يېقىن تارىختىكى كوممۇنىست دۆلەتلەرنىڭ گۇمران بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشكەنلىكىگە ئوخشاش، خىتاي دۆلىتىنىڭمۇ گۇمران بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭمۇ مۇستەقىللىققا ئېرىشىشىگە ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ.
بىز چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار شەرقى تۈركىستاندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇنداق قىرغىنچىلىقنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمىز.

Uyghur Reporter

Next Post

شەرقي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ مىسىر ئوقۇغۇچىلار دوكلاتى ئېلان قىلىندى.

چا ئىيۇل 28 , 2021
شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتىدىن بىر گۇرۇپپا كىشىلەر مىسىردىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاكادېمىكلەر بىرلىكىدە خىزمەت قىلغان ئۇيغۇرلارنى جەزىملەشتۈرۈشكە تىرىشقان ۋە 2013-يىلى مىسىرغا ئوقۇشقا كەلگەن ئابدۇراخمان خېلىل بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، بۇ ھەقتە بىر قىسىم ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن...

You May Like