2020-8-13
ھەبىبۇللا ئىزچى
ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى
2020 – يىلى ئىيۇل ئېيىنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچى تاشقى سودا بازىرى چېگرا رايون پورتىدا شىركەت ئاچىدىغان بىر ئۆزبېكىستانلىق ياش زار –زوردا مىڭبىر مۇشەققەت بىلەن ئۈرۈمچىدىن يۇرتى فەرغانە ۋادىسىغا قايتتى.
بۇ قايتىش بۇ ياشقا ئاچچىق قىسمەتكە تولغان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېقىن زامانكى ئىنسانىيەتنىڭ يۈز قارىسى بىر سىياسى ،ئقتىسادى ،ئىنسانى قەتلىئاملىرىنىڭ شاھىدلىغىنى يۈكلىگەن ئىدى. ئۇزۇن يىللار ئۈرۈمچىدە تىجارەت قىلىپ ،نۇرغۇن ئۇيغۇر دوست تۇتۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ لەغمىنى بىلەن كونسۇل كوچىسىدىكى دىلبەرنىڭ ئۆپكە ھېسىپلىرىغا،ئات بەيگە مەيدانىدىكى خوتەن كاۋاپلىرىغا ئاشىق بۇ ياش كۆزى كۆرگەن ۋە مۇناسىۋەت قىلغان ئۇيغۇرلاردىن ئاڭلىغان ۋەزىيەتكە ھەم ھەيران، ھەم تەئەججۈپ ئىچىدە قالغان بولۇپ، بىز يۈز يىللارچە سەۋېتلەر ئىشغالىدا ياشاپمۇ بۇنداق ۋەھشىلىكىنى ،ھايۋانى خۇسۇسىيەتلىك بىر قەۋمنى كۆرمىگەن دېدى.
ئارىمىزدىكى دوستلۇق سەۋەبىدىن قايتا –قايتا كۆرۈشۈش ئارقىلىق ،يۈز كېلەلمەي سوئالىمغا جاۋاپ بېرىشكە شەرتلىك قوشۇلدى.
ئاساسى تىجارىتى ۋە شىركىتى ئۈرۈمچىدە بولغانلىقى سەۋەپلىك كىملىكىنى ۋە شىركىتىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن، ۋەدىلەر ئالغاندىن كېيىن كۇچادىن ئۈرۈمچىگە چىقىپ شىركەت ئاچقان بىر تونۇشىمىز ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرنى بەردى.
كۇچا ساي بويىدا ئولتۇرۇشلۇق يۈسۈپ ئىسلام ئائىلىسى پۈتۈن ئائىلە بويىچە تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە بۇ ئائىلىنىڭ دېرىكىنى ئېلىپ سۈرۈشتە قىلغۇدەك ھېچكىم قالمىغان.
بۇ ئائىلە مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن بېرى ئەكسىلئىنقىلابچى ئائىلە دەپ سۈرگۈن ،نازارەت ئاستىدا تۇتۇلغان ئائىلە بولۇپ،بۇ ئائىلىنىڭ كۇچا، توقسۇ ،باي ،شايار ناھىيەلىرىدە دۇكانلىرى ،زاۋۇتلىرى،ئۈرۈمچىدە شىركەتلىرى بولغان مائارىپسۆيەر،بىر تىجارەتچى ئائىلىسى،ئائىلىنىڭ چوڭ ئوغلى ،چوڭ ئوغلىنىڭ ئايالى رەيھانگۈل،ئوغلى ئابلىمىت يۈسۈپ ۋە ئايالى ،ئوغلى ئابدۇخېلىل يۈسۈپ ۋە ئايالى،توقسۇ ناھىيە ئەجرىم ئاشلىق – يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنى قۇرغۇچى مەمتىمىن يۈسۈپ ۋە ئايالى،تەۋەرۈك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىىسى، تەۋەرۈك نامىدىكى زەنجىرسىمان تاللا بازىرىنىڭ ئىگىسى ئابدۇكېرەم يۈسۈپ ،ئايالى پاتىگۈل،ئوغلى پەخىردىن،سىراجىدىن، ئايشەم يۈسۈپ ۋە يولدىشى ،مىنەۋەر يۈسۈپ ۋە يولدىشى قۇربانجان،كۈيۈئوغلى ياسىن مەمەت ۋە رىسالەت يۈسۈپلەر 2017 يىلىدىن باشلاپ تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ بۇ ئائىلىنىڭ بىر قىسم ئاياللىرى ۋە بالىلىرى لاگېرغا ،بىر قىسمى تۈرمىگە سولانغان. ئەسلىدىنلا ئائىلە بويىچە نوقتىلىق نوپۇس تىزىملىكىدە بولغان بۇ ئائىلىنىڭ كۈيۈئوغلى ياسىن مەمەت 97 – يىللاردا خوتەن يىغىنىغا قاتناشقان ،شەرقى تۈركىستان ئاللا پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى دېگەن نام بىلەن 10 يىللىق جازا مۇددىتىنى توشقۇزۇپ قۇيۇپ بېرىلگەندىن كېيىن 2017 –يىلىنىڭ بېشىدا شايار ناھىيە بازىرىدا تاللا بازىرى ئاچىدىغان ئىنىسى ئابدۇللا بىلەن قايتا تۇتقۇن قىلىنغان .ئايالى رىسالەت ۋە ئوغلى ئابدۇراخمان،2017 –يىلىنىڭ ئاخرىدا لاگېرغائېلىپ كېتىلگەن،
تەۋەرۈك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇكېرەم يۈسۈپ 2017 –يىلى ئۈرۈمچىدىن كۇچا جامائەت خەپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن شىركەت خادېمى تۇرغۇن مەمەت،ئوغلى پەخىردىن،سىراجىدىن قاتارلىقلار بىلەن قايتۇرۇپ ئەكىتىلگەن. ۋە بۇرۇن يۈرەك ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغانلىق سەۋەبىدىن ئۈيىگە بېرىلگەن ،ئەمما نەچچە كۈن ئۆتمەيلا ،شىركەت بىلەن ئالاقىسى بولغان تۇرغۇن مەمەت،مەمەتجان ،ئۆمەر بارات ،ئەبدۇللا قاتارلىقلار ھەممىسى بىراق تۇتۇپ كېتىلگەن. توقسۇ ناھىيە ئەجرىم ئاشلىق – يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنى قۇرغۇچى مەمتىمىن يۈسۈپ ۋە ئايالى توقسۇدىكى زاۋۇتىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە زاۋۇتنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتتىن توختىتىپ قويغان.
ئابدۇخېلىل يۈسۈپ 90 – يىللاردا قازاقىستانغا چىقىپ كېيىن قايتىپ كەتكەن ۋە بۇ سەۋەپلىك ئۈچ يىل تۇتۇپ تۇرۇلغان بولۇپ 2018-يىلى قايتا تۇتۇپ كېتىلگەن .ۋە تۈرمىگە سولانغان.ئايالى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن.
ئابلەت يۈسۈپ ۋە ئايالى رەيھانگۈل تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن ئابلەت يۈسۈپ ئۆلۈپ كەتكەن ۋە ئايالى ۋە ئايالىنىڭ ئىنىسى ئابدۇرىھىمجان لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن.
ئابلىمىت يۈسۈپ بۇرۇندىن نازارەت ئاستىدا بولۇپ 2017- ئايالى ۋە قىزلىرى بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ بۇ ئائىلىدە بۇ ئائىلىنىڭ دېرىكىنى قىلىدىغان ھېچكىم قالمىغان.بۇلارنىڭ قۇدا – باجىلىرى، تىجارەت شېرىكلىرى، مۇناسىۋىتى قۇيۇق بولغان ھەركىم تۇتۇلغان ياكى لاگېرغا ئەكىتىلگەن .
مەسىلىنىڭ ئەسلىگە كەلسەك بۇلار نوقتىلىق نوپۇس تىزىملىكىدىكى ئائىلە بولۇپ، ئىزچىل خىتاينىڭ نازارىتى ئاستىدا ئىدى. بۇ قېتىمقى قىرغىنچىلىق باشلانغاندا ئائىلە بويىچە تۇتقۇن قىلىنغان ،ئابدۇكېرەم يۈسۈپنىڭمۇ ئېغىر يۈرەك كېسىلى بولۇپ ھازىرغىچە ئۆلۈك تىرىكلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن.