دوكتۇر ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئىككى ئۇنۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە لېكسىيە بەردى

4- دېكابىر دوكتۇر ئابدۈشۈكۈر ئابدۇرېشىت شۋېتسارىيەنىڭ لوزان ئۇنۋېرسىتېتى ۋە جەنۋە ئۇنۋېرىسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە لېكسىيە بەردى.

ھەبىبۇللا ئ‍ىزچى
ئ‍ۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 4- دېكابىر

 

4- دېكابىر دوكتۇر ئابدۈشۈكۈر ئابدۇرېشىت  شۋېتسارىيەنىڭ لوزان ئۇنۋېرسىتېتى ۋە جەنۋە ئۇنۋېرىسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە لېكسىيە بەردى.

 

بۇ لېكسىيە خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئېنتېرنېت ئارقىلىق بېرىلگەن بولۇپ، لېكسىيەگە يۈزدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ۋە تەتقىقاتچىلار قاتناشقان.

 

ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى، تارىخى، ياشىغان تۇپراقلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ  يېقىنقى زامان تارىخى، ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي سۆزلەپ ئۆتكەن. دوكلاتتا يەنە ۋەتىنىمىزنىڭ يەر كۆلىمى، جۇغراپىيىسى، نۇپۇسى، يەر ئاستى بايلىقلىرى، مىللىتىمىزنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان.

 

ئۇنىڭدىن سىرت، شەرقىي تۈركىسىتاننىڭ 1949- يىلى  ئىشغال قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن دۇنيانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ قانداق ۋەزىيەتتە شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغانلىقى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن خىتاينىڭ ھىلە-مىكىرلىك سىياسەتلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنى قانداق كونترول قىلغانلىقى ۋە ئاسسىمىلياتىسيە قىلىش ئۈچۈن يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى  سۆزلەپ ئۆتۈلگەن.

 

دوكتۇر ئابدۈشۈكۈر ئەپەندى يەنە ھازىر ئۈچ مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى  دەۋرىدە ئوچۇقتىن-ئوچۇق ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىپ يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە ئەندىشە قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەلقئارا سەھنىلەردە قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرى، بۇ ھەقتە ئۇيغۇرلارنى قوللىغان ۋە خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى توختىتىش ئۈچۈن چاقىرىق قىلغان دۆلەتلەر بىلەن خىتاي تەرەپتارلىرى دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالى، خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلباغ» پىلانىنىڭ ئارقىسىدىكى قارا نىيىتى تەپسىلى تونۇشتۇرغان.

 

لېكسىيەنىڭ ئاخىرىدا تەتقىقاتچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى قىزىققان نۇقتىلاردا شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە سوئاللارنى سورىغان بولۇپ، ئاساسلىقى بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز ۋە نېمە قىلىشىمىز كېرەك دېگەن نۇقتىغا يىغىنچاقلانغان.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

شۋېتسارىيەنىڭ زۈرىخ شەھرىدە لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىمى ئېسىلدى

جۈ دېكابىر 4 , 2020
شۋېتسارىيەدىكى خەلقئارالىق ئەلرايى تەشكىلاتى كامپاكىس بۈگۈن شۋېتسارىيەنىڭ زۈرىخ شەھرىنىڭ مەركىزىدىكى پويىز ئىستانسسىسى ئەتراپىدا، شۋېتسارىيەنىڭ ئەڭ چوڭ دۇنياۋىي بانكىسىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى بىناغا 20 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى مەشھۇر لاگېر رەسمىنى ئېسىش ئارقىلىق، بۇ بانكىنى خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلدى.

You May Like