«داۋا ۋە ئىستىراتېگىيە» تېمىلىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىلىدۇ

ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىرلىكى ۋە ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى پىروجەكتىنىڭ ساھىپخانىلقىدا «داۋا ۋە ئىستىراتېگىيە» تېمىلىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىلىدۇ.

ئىقبال

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىرلىكى ۋە ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى پىروجەكتىنىڭ ساھىپخانىلقىدا «داۋا ۋە ئىستىراتېگىيە» تېمىلىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىلىدۇ.

ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەركىتىنى بىلىم ۋە ئەقىلغا تايىنىپ سىلجىتىش، ھەركەتتە مۇئەييەن بىر يول خەرىتىسى ۋە ئىستىراتېگىيەلىك يۆنلىش بويىچە ئىلگىرلەش ۋە بۇ لىنىيەگە يىتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىرلىكى ئەزالىرى ۋە ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى پىرۇجەكتى قارمىقىدا خىزمەت قىلىۋاتقان جامائەت ئەرباپلىرى، سىياسىيۇنلار ۋە ئاكتىۋىست زىيالىيلار دىن ئۆمەر قانات، نۇرى تۈركەل قاتارلىقلار بۇ مۇھاكىمە يىغىنى ئارقىلىق، داۋا سېپى ئۈچۈن بىر تۈركۈم ساپالىق ئىزباسارلارنى تەربىيلىمەكچى.

مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ مەزمۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى، لاگىر ۋە خەلىقئارا جەمىيەتنىڭ بۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيەسى،  خىتاينىڭ خەلىقئارادىكى ئېشىۋاتقان تەسىرى كۈچى، داۋانىڭ تەرەققىياتى ۋە كېلەچەكتىكى خىزمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ ئاساسلىق مۇھاكىمە تېمىلىرى تۆۋەندىكىچە :

– خىتاي كومىنىست پارتىيسى ۋە شى جىنپىڭنىڭ نىھايى غەرىزى نېمە؟

– نېمە ئۈچۈن جازا لاگىرلىرى مەسىلىسى خەلىقئارا ھۆكۈمەتلەر ۋە مىدىيالارنىڭ دېققىتىنى قوزغىيالىدى؟

– ئامېركا – خىتاي دىپلوماتسىيەسىدە ئۇيغۇر مەسلىلىسىنىڭ ئورنى.

– روبىيو – سىمىس قانۇن لاھىسىنىڭ ئارقا كۆرىنىشى، ئىچكى مەزمۇنى ۋە كېلەچىكى.

– ئۇيغۇرلار خەلىقئارا ھۆكۈمەتلەرى ۋە مىدىيالارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسگە ئورون بېرىۋاتقان بۇ تارىخى پەيتىدىن قانداق پايدىلىنىشى ۋە خىتايلارغا قارشى قانداق قىلىپ ئىستراتىگىلىك ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشى كېرەك؟

يىغننىڭ تەرتىپلىك ۋە نەتىجىلىك ئېچىلىشى، سۈپەتلىك داۋاملشىشى ئۈچۈن ، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئالدىن تىزىملىتىشى شەرىت قىلىنىدۇ.

ھەقسىز تىزىملىتىش ئادىرسى: https://www.eventbrite.com/e/uen-uyghur-dawasi-ve-istratigiye-tickets-51760876174?fbclid=IwAR2lk1Cd1zjVrDkrSrzxsUAJ3h6VUFop-5TEmrKnTfiCpsOAI7Stjg_98oc

بۇ مۇھاكىمە يىغىنىغا  ئۇيغۇر مەسىلىسگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، شارائىتى يار بەرگەن  قېرىنداشلارنىڭ قاتنىشىشى ۋە  قوللاپ قۇۋەتلىنىشى ئۈمىد قىلىنىدۇ.

مەزكۇر يىغىن face book ئارقىلىق بىۋاستە تارقىتىلىدۇ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئەزىز خەلقىمىز ھەم ئېكران ئارقىلىق يىغىنغا  داخىل بولالايدۇ.

ۋاقتى: 28-ئۆكتەبىر يەكشەنبە سائەت 17:00

ئورۇن: ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىرلىكى (UEN) مەركىزى

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

خىتاي ـ تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخى مۇساپىسى ۋە ئۇيغۇرلار

جۈ ئۆكتەبىر 26 , 2018
2016- يىلى 7- ئاينىڭ 15-كۈنى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان سىياسى ئۆزگىرش ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار سىياسىتىنىڭ بۇرلۇش نوقتسىدۇر. ئەسلىدىنلا بارغانسىرى يىركلىشىشكە قاراپ مېڭۋاتقان تۈركىيە ۋە غەرب مۇناسىۋىتى ، بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى تۈركىيە ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ، بۇ سىياسي ئۆزگىرشتىن كىين رەسمىي تۈردە يامانلاشتى. چۈنكى ئەردوغان ھۆكۈمىتى بۇ قېتملىق سىياسي سۈيقەستنى ئامېرىكىدا پاناھلىنىپ تۇرۋاتقان دىني لىدىر فەتۇللاھ گۈلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىشىپ قىلدى دەپ قارىدى

You May Like