ئامېرىكا-خىتاي «ۋىزا ئۇرۇشى»: ئىككى تەرەپنىڭ ئاكادېمىكلىرى ۋىزا چەكلىمىسىگە دۇچ كەلگەن

ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى سودا ئۇرۇشىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن مەسلىھەتلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىككى تەرەپتىن بولغان ئاكادېمىكلار ئۆزلىرىنىڭ ۋىزا چەكلىمىسىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تەييارلىغۇچى: كۆكئالىپ

2019- يىلى 24- ئاپرېل

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-04-24

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى سودا ئۇرۇشىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن مەسلىھەتلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىككى تەرەپتىن بولغان ئاكادېمىكلار ئۆزلىرىنىڭ ۋىزا چەكلىمىسىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن باغلىنىشى بولغان ئويلاش ئامبارلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان بىر قانچە نەپەر داڭلىق ئامېرىكا سىياسىتى تەتقىقاتچىسى خىتاي  ئاكادېمىك ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا سەپىرى جەريانىدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى  تەرىپىدىن خىتاي بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش توغرىسىدا سوراق قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان. بەزى ئاكادېمىكلارنىڭ دېيىشىچە ئۇلارنىڭ ۋىزىسى بىكار قىلىنغان.

ئوخشاشلا، ترامپنىڭ خىتاي ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى مايكول پىلسبۇري (Michael Pillsbury) ۋىزىسى ۋاقتىدا بېرىلمىگەنلىك سەۋەبلىك 14- ئاپرېل بېيجىڭدا خىتاينىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلىرى توغرۇلۇق ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشالمىغان. ئۇ ۋىزا ئىلتىماسىنى 22- مارت سۇنغان، خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇنىڭ ۋىزىسى رەت قىلىنغانلىقى توغرىلىق ئۇچۇر بەرمىگەن.

ترامپنىڭ خىتاي ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى مايكول پىلسبۇري

نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پروفېسسورى، ئامېرىكا سىياسىتى مۇتەخەسسىسى جۇفېڭنىڭ دېيىشىچە، ئۇ بۇلتۇر يانۋار لوس ئانجېلىس ئايروپورتىدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ سوراق قىلىشىغا دۇچ كەلگەن ۋە 10 يىللىق ئامېرىكا ۋىزىسى بىكار قىلىنغان.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇكى، بۇ مەسىلە قانداقتۇر بىر يېڭى ئىش ئەمەس. شەك-شۈبھىسىزكى، خىتاي بۇ مەسىلىنى 10 نەچچە يىلدىن بېرى ئامېرىكىلىق ئاكادېمىكلارنى چىگرىدىن كىرىشنى چەكلەش ۋە ۋىزىسىنى رەت قىلىش بىلەن باشلىغان.

بىر قانچە نەپەر كۆز كۆرۈنگەن خىتايشۇناسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكىلىق  ئاكادېمىك 10 نەچچە يىلدىن بېرى خىتاينى زىيارەت قىلىشتىن چەكلەنگەن، بىراق باشقىلارنىڭ دۇچ كەلگەنلىرى بولسا يېقىنقى ۋەقەلەر.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. 

 

  • مەنبە:
  • https://www.scmp.com/news/china/diplomacy/article/3006786/calls-cease-fire-visa-war-targeting-chinese-and-us-academics
  • https://www.scmp.com/comment/insight-opinion/article/3007149/when-china-and-us-wage-visa-war-against-each-others

­­­

 

 

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺳﻮﺗﻼﺭ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺳﻮﺗﺘﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ

پە ئاپرېل 25 , 2019
ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺳﻮﺗﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﻓﻮﻧﻜﯩﺴﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ‏‎-

You May Like