«قوش جىنازا» (مەرسىيە) . ئاتاقلىق يازغۇچى، رەسسام جالالىدىن بەھرام ۋاپاتىغا . نىيازئەلى ئادىل . بىر خەۋەرلەر ئاڭلىدىم ئەلدىن، يـۈرىكىمنى كۆيدۈردى ئەلــەم. توختىغاندا ئوتلۇق بىر يـۈرەك، توختىدىمۇ بىـر نـادىر قەلــەم. . ھازىداردۇر «كۆمۈرچى بالا»، ھازىداردۇر «سەلىمە» قىزچاق. «قوش جىنازا» كۆتۈرگەندە ئەل، ئۆكسىمەكتە «لېيىغان بۇلاق». .
«ناتىۋانلار» قالدى مۇڭسىراپ، شۇ بولدىمۇ «ھايات قىسمىتى»؟ ھەممىگە بار «ئامەت ۋە ئاپەت»، تۆكۈلمەكتە «تىمساھنىڭ يېشى». . «كونا قاپقان» قالدى قۇملۇقتا، «تەكلىماكان ئوغلى» نى ساقلاپ. «قاباھەتلىك چۈش» دۇر بۇ گويا، «دانۇر تاغا» قالسا گەر ئاڭلاپ. . «قاچقۇن» ئىكەن ئۆمۈر ئاشۇنداق، «قامغاق» كەبى قىساركەن جاننى. بۇ ئۆمۈرگە بىزلەر «ھارۋىكەش»، شۇڭا «بۇلبۇل بوستاننى تاپتى». . يىغلا خەلقىم، يىغلا «ئايگۈزەل»، ئەلنىڭ ئوغلى «ئۇ سېنىڭ ئاتاڭ». «ئۆتنە ئالەم» ئايرىدى بىزدىن، «قۇملۇقتىكى ئاتەش» دۇر ياراڭ.
تىلـەكلىرىم يەتسـۇن يېنىڭغـا، ئۇنتۇلمــايدۇ قەلىمىـڭ ئىـزى. يــادلىنىدۇ ئەشــۇ «جاپالىق ئەجىرىڭنىڭ شېرىن مېۋىسى». . 2019 ـ يىلى 17 ـ مــاي جۈمــە غۇلجا موڭغۇلكۈرە شوتا يېزىسى . قوش تىرناق «» ئىچىگە ئېلىنغان سۆزلەر يازغۇچىنىڭ ھاياتىدا يازغان ئەسەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
جالالىدىن بەھرام (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Jalalidin Behram) بولسا 1942-يىلى 16-ئاۋغۇست شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھرىدىكى بىر تىككۈچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۈنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان خەلق ناخشىچىسى، يازغۇچى ھەم رەسسام ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادەم بولۇپ، خۇش-پېئىللىق ۋە چاقچاقچىلىق بىلەن ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. ئۇ زېرەك ھەم تېتىك چوڭ بولۇۋاتقان ئوغلىغا خەلق -چۆچەكلىرى ۋە داستانلىرىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن سۆزلەپ بېرەتتى. شۇنداقلا ئۇنىڭغا ھەرخىل رەسىملەرنى كۆرسىتىپ، رەسساملىقنىڭ سېھرى-كۈچىنى تەرىپلەيتتى. شۇڭا، جالالىدىن بەھرام: «مېنىڭ يۇمران قەلبىمگە ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ، رەسساملىق ۋە ئەدەبىيات بىخلىرىنى يېتىشتۈرگەن ئاتامنى ھەر دائىم مەمنۇنىيەت بىلەن ئەسلەيمەن…» دەيدۇ. [1]
جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەدەبى ئىجادىيەت پائالىيىتى 1963-يىلدىن باشلانغان. ئۇ دەسلەپتە كىچىك تىپتىكى سەھنە ئەسەرلىرىنى يازغان . لېكىن، 1966-يىلى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلىنىش بىلەنلا، ئۇنىڭ «ئۆمۈر خاتىرىلىرى» قاتارلىق پوۋېستلىرى ھەمدە ساقلاپ كەلگەن ئەتىۋارلىق كىتاپلىرى بۇلاپ كېتىلگەن ۋە ناھىيىنىڭ گۈلباغ رەستىسىدە كۆيدۈرۈلگەن. «مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى» دەپ ئاتالغان ئاپەتلىك يىللارنىڭ بورانلىرىدا، «ئۈششۈك تەگكەن» ۋە «قوشكۆل»لەردە ئىشلەشكە سۈرگۈن قىلىنغان.
جالالىدىن بەھرام ئەدەبىيات ئىجادىيىتى ھەم گۈزەل-سەنئەتتىن ئىبارەت ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قوش تۈرىدە مول-ھوسۇل بېرىۋاتقان ئىقتىدارلىق يازغۇچى، تالانتلىق رەسسامدۇر. ئۇ ھازىر كاندىدات ئالى مۇھەررىر، جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمى جەمىئىيىتىنڭ ئەزاسى.
جالالىدىن بەھرام ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئىچىدە ئەڭ كۆپ رومان يازغان ۋە ئۇيغۇر رومانچىلقىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان يازغۇچىلاردىن بىرى. جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1963-يىلى، ئۇ 21 ياش ۋاقتىدا رەسمىي باشلانغان.شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇ ئون پارچە ھېكايە، پوۋېستلار توپلىمى(10كىتاب)،14رومان (21 پارچە كىتاب)، 16 تېلىۋېزىيە فىلىمى(ھەممىسى فىلىم قىلىپ ئىشلەنگەن)، جەمئىي 29 كىتاب، 16تېلېۋېزىيە سىنارىيىسى يازغان.
بۇلاردىن باشقا ئۇ يەنە، «قەدىمكى ئۇيغۇر ئوۋچىلىرى»، «موللا مۇسا سايرامى»، «فارابى»…قاتارلىق نەچچە ئون پارچە نادىر رەسىملەرنى سىزغان. «ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، موڭغۇلچە، شىبەچە500 پارچىدىن ئارتۇق كىتابنىڭ مۇقاۋىسىنى لاھىيلىگەن ۋە مىڭلىغان قىستۇرما سۈرەت، كۆنچىك،نەقىشلەرنى ئىشلىگەن»(يازغۇچىلار مەجمۇئەسى»2006-يىللىق 1-سان).ئۇنىڭ «ماناس»داستانىنىڭ مۇقاۋىسى قاتارلىق بىر قانچە رەسىم ئەسىرى مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن،«ئانا مېھرى»ناملىق ھېكايىسى 11-نۆۋەتلىك«خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى »غا ئېرىشكەن، بىرقانچە پارچە ئەسىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرىسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلگەن.