دوپپا بايرىمى-ئۇيغۇرلۇق بايرىمىدۇر!

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇريان

ئۇيغۇرنىڭ ئۆزى مەدەنىيەتتۇر!

مەڭگۈلۈك تېمىسى :ئورتاق مەدەنىيەت ئورتاق تەرەققىيات

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇريان

ئۇيغۇرنىڭ ئۆزى مەدەنىيەتتۇر! 

مەڭگۈلۈك تېمىسى :ئورتاق مەدەنىيەت    ئورتاق تەرەققىيات

ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى-<<ئۇيغۇر مىللى مەدەنيەت بايرىمى>>نىڭ قسقارتىلىپ ئاتىلىشى.

<<ئۇيغۇر مەدەنىيەت بايرىمى>> بولسا  <<ئۇيغۇرلۇق كۈنى>>دىن ئىبارەتتۇر.

مەدەنىيەت بايرىمى -خاسلىقنى قوغدايدىغان ئەڭ كۇچلۇك ئىجتىمائى قالقان.

<< ئۇيغۇر مەدەنىيەت بايرىمى>>نىڭ <<ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى>>بويىچە قسقارتىلىشى دوپپىنىڭ ئۇيغۇر ئومۇمى مىللى مەدەنىييتىگە نسبەتەن سموللۇق رولىنىڭ  كۈچلۈك بولغانلىقى، باشقا مەدەنىيەتلەردىن پەرقلىق بولۇشى ،ئۆزگە مەدەنىيەتلەر ئارا ئالاقىدە كۆزگە ئاسان چىلىقىشى ،،ئىلىپ ۋە كىيپ يۈرۈشكە ئەپچىل بولغانلىقى، بارلىق مىللەت ئەزالىرىغا ئورتاق بولۇشى ،شۇنداقلا چىرايلىق ۋە ئۆزگىچە نۇسخىلىق بولۇشى -دوپپنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت بايرىمىغا ۋاكالىتەن ئومۇملىششىدىن ئىبارەت كونكېرت ئامىل بىلەن تەمىن ئەتكەن.<<ئۇيغۇرلۇق كۈنى>> بولغان دوپپا بايرىمى كۈنىدە تۆۋەندىكىدەك پائالىيەتلەر ئىمكان دائىرسدە تەشەببۇس قىلىنغان:

1-پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر كۈن بولسمۇ دوپپا كېيىپ (مۇمكىن بولسا بارلىق مىللى كىيملەرنى تولۇق كېيش تېخىمۇ ئەۋزەل ) ھەممە يەردە ئۆزىنىڭ ئورتاق بىر مەدەنىيەتكە تەۋە بىر خەلق ئىكەنلىكىنى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق ئۆز-ئارا  بىلىشى،ئورتاق مەدەنىيەت ئاستىغا ئۇيۇشۇشى ۋە بۇنى باشقا مەدەنىيەت ئەھلىگە بىلدۇرۇشى دوپپا بايرىمىدا قىلىدىغان ئەقەللى مەدەنىيەت تەبرىكىدۇر.

2-مىللى مەدەنىيەت مۇھاكىمە يېغىنلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللى مەدەنىيەت تەرەققىياتى ۋە تەتقىقاتى ھەققىدە نەتىجىلەرنى كەسپ ئەھلى ئارا ئورتاقلىشش ۋە ئاممىغا ئىلان قىلىش (بۇلار ئاساسلىقى مەدەنىيەت تارماقلىرى،مەدەنىيەت تەتقىقات ئورۇنلىرى،مېدىيا-ئاخبارات ئورۇنلىرىغا تەۋسيە)

3-<<ئۇيغۇر مىللى مەدەنىيەت ھەپتىلىكى >>ئارقىلىق ئومۇمى ئۇيغۇر مىللى مەدەنيتىنىڭ ھەر بىر قسمى ۋە مەزمۇنى ئۈچۈن ئورۇن بىرىش ،ئۇيغۇر قىممەت قارىشى  ۋە ئەخلاق ئىدىيسى ،ئۇيغۇر سەنئىتى ،يىمەك-ئىچمەكلىرى،كىيم-كىچەكلىرى ،ئەنئەنىۋى تەنتەربىيسى ،ئۇيغۇر مىللى سانائىتى ۋە تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن  يەرمەنكە، سۆھبەت،مۇسابىقە قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق <<ئۇيغۇر مەدەنىيەت ھەپتىلىكى>>نى تەبرىكلەش .(بۇ ئۇيغۇر مىللى مەدەنىيەت بايرىمى)خىزمەت گۇرۇپپسىغا تەۋسيە بولۇپ،كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشش ئارقىلىق روياپقا چىقىدۇ )

4-ھەر بىر ئۇيغۇر <ئۇيغۇرلۇق كۈنى>>بولغان ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىدا ئاتا-ئانسىغا ،ئۇستازلىرىغا،ياخشى كۆرىدىغان ئنسانلىرىغا،يېقىن دوسلىرىغا سالام يەتكۇزۇش ۋە ئەھۋال سوراش ،يوقلاش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

5–بۇ كۇنى چوقۇم ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇش، ئېقتساد،ئىجتىمائى مۇناسۋەت تەرەققىياتى ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىش ،تەجرىبە يەكۇنلەش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

6-بۇ كۈنى ھەر بىر ئۇيغۇر كەم بولغاندا ئۆزى ۋە باشقا مەدەنيەت خەلقى ئۈچۈن بىر قېتىم ياخشى ئش قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ ، مەسلەن: ئاجىزلارغا ياردەم بىرىش، بىلگەنلىرىنى ئۆگىتىش ،يول كۆرستىش…

7-ھەر بىر ئۇيغۇر بىر كۈن بولسمۇ ئۆزى ۋە باشقا ئنسانلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان زوراۋانلىق ،ئوغىرلىققا ئوخشاش ھەر قانداق قانۇنسز ۋە جنايى قىلمىشتىن، باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىش،تۆھمەت قىلىش،غەيۋەت قىلىش،ئۇرۇش-جىدەل قىلىش،سەمىمىيەتسزلىك قىلىش قاتارلىق بارلىق قىلمشتىن چەكلىنىشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

8-ھەر قايسى يۇرتلاردا مەدەنىيەت مەشرەپلىرى،مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۇزۇلۇپ ،ئۇيغۇر مەدەنىيتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتنى قىزغىن سۆيىدىغان،باشقىلارغا تۇرمۇشنىڭ گۇزەللىكىنى ھس قىلدۇرىدىغان ئېسل روھى بىلدۇرۇلىدۇ.(بۇ مەدەنيەت تارماقلىرى ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ئورۇنلىرى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشپ ئۆتكۇزىدىغان پائالىيەتتۇر)

دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى-مىللى كىملىكنى تىرىلدۇرۇش ھەرىكىتىدۇر !

ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى-قانۇنى ۋە زامانىۋى بولغان مەدەنىيەت ھادىسسى .شۇڭا ئۇ باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان ئالاقە،چۈشۇنۇش ۋە ئۆز-ئارا ھۇرمەتتە ياشاشقا پايدىلىق.

2009-يىلى 5-ئايدا ئۈرۈمچىدە تاھىر ئىمىن ئەپەندى تەشەببۇسىدا ئۇستاز زىيالىيلارنىڭ قوللىشى ۋە ئىلغار ياشلارنىڭ كۇچلۇك  ئاۋاز قوشۇشى بىلەن دوپپا بايرىمى خىزمىتى ئشلىنىپ  ،تەتقىقات ۋە ئىجتىمائى پائالىيەتلەر ئىلىپ بىرىلدى ،ئاخبارات خەۋەرلىرى ۋە تەشۋىقات خىزمىتى ئشلەندى ،ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى ئەسردىكى مەدەنىيەت ئويغىنىش ھەرىكىتىگە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا تۈرتكە بولدى.

مەرھۇم ئۇستازلاردىن ئىمىن تۇرسۇن،يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق،تۈرمىدىكى ئۇستازلاردىن ئارسلان ئابدۇللا ،راھىلە داۋۇت ،ئابدۇقادىر جالالىدىن،يالقۇن روزى،ئەختەم ئۆمەر،ئابدۇرىھىم ھىيت،ئابدۇبەسر شۇكۇرى ،دوپپا پىدائىييلىردىن مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن ،مەھبۇس نۇرمۇھەممەدجان قاتارلىقلار ۋە باشقا نۇرغۇن ئىلىم ئەھلى  ۋە  جامائەت ئەربابلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن روياپقا چىققانىدى ،يېڭى بىر كۇچ ئىزدەۋاتقان ياشلارغا قايتا ھاياتى كۈچ،ئشەنچ ،قىزغىنلىق ۋە كۇچلۇك كەيپىيات بەخش ئەتتى.2010-يىلىدىن باشلاپ،ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى كەڭ كۆلەمدە تەبرىكلەندى ،دوپپا بايرىمى مۇناسۋىتى بىلەن ئۇيغۇريۇرتىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ،ئاتالمىش<<ئىچكىرى ئۆلكىلەر>>دە ياشاۋاتقان يۇزمىڭلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئارسىدا،ھەر قايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئىلغار ۋە مەدەنىيەتسۆيەر ئۇيغۇرلار ئارسىدا تۇرلۇك شەكىلدە مەدەنىيەت سەنئەت تەبرىكلەش پائاليەتلىرى ئۆتكۇزۇلۇپ كۇچلۇك قىزغىنلىق ئاساسدىكى -يۇرت،ئىجتىمائى ئارقا كۆرۇنۇش،جنس،ياش،بايلىق ئايرىماستىن بىردەك ھالدا كىملىك ۋە بىرلىكىنى كۇچەيتىشتە ئاكتىپ رول ئوينىدى. شۇنداقلا ئۆزىنى باشقا مەدەنىيەت ئىگىلىرىگە تونۇتۇش ھەرىكىتى قوزغالدى.دۆلەت ئىچى ۋە سرتىدا دوپپا بايرىمىنىڭ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىجتىمائى ئارقا كۆرۇنۇشى ۋە بۇگۇنكى زامان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى ۋە مەدەنى ھاياتىغا كۆرستىدىغان تەسرى ھەققىدە تەتقىقاتلار ئىلىپ بىرىلدى.

ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى -ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى مەنبە قىلغان،ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تەرەققياتىنى نشان قىلغان،ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تەبرىكلىنىدىغان تولۇق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ مەدەنىيەت بايرىمىدۇر.

ئۇيغۇرلاردا قەشقەر،ئاتۇش،خوتەن ،غۇلجا،تۇرپان ،قۇمۇل شەھەرلىرىنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر دوپپىچىلىقى قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەدەنىيتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كەڭ پۇرسەت بىلەن تەمىن ئەتتى، شۇنداقلا دوپپا ھۇنەرۋەنچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نەچچە ئون مىڭ ئائىلە كىشلىرىنىڭ تىرىكچىلىكى ئۈچۈن بازارنى جانلاندۇرۇشتا قايناق مۇھىت ياراتتى.ئۇيغۇر مىللى ساياھەتچىلىكى ئۈچۈن  ئاساسى سوۋغات بويۇمى قاتارىدا رايون ۋە ھەر قايسى دەرىجىلىك ساياھەت ئىدارىلىرى،مەدەنىيەت تارماقلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى دەپ مۇئەييەنلەشتۇرۇلۇپ ،ئۇيغۇر مەدەنىيتنىڭ تاشقى كىملىكى بولۇپ قالدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت دىپلوماتىيە سوۋغىتى سۈپىتىدە  ئەزىز مىھمانلارغا دوسلۇقى ۋە ھۇرمىتىنى بىلدۇرىدىغان ئالاھىدە تارتۇق رولىنى مۇستەھكەملىدى.

ۋەتىنىمىزدە دوپپا بايرىمى ئوتتۇرىغا قويۇلغان دەۋرلەردە ، ئۇيغۇرلار ئارسىدا ئاتالمىش<<دۆلەت قانۇنى >>ئېتىراپ قىلغان ۋە نورمال ئنسانىيلىقنىڭ مۇھىم تەركىبى قسمى بولغان ئۇيغۇرلۇقتىن ،ئۇيغۇر مەدەنيتىدىن ۋاز كەچكەن، چۈشەنمەيدىغان ، ئۇيغۇرنى كەمستىدىغان ۋە ئۆچ كۆرىدىغانلار ناھايتى كۆپ ساندا ئىدى،بۇنىڭ ئارقا كۆرۇنۇشلىرى ئۇيغۇرلۇق تەربىيسىنىڭ يتەرسزلىكىدىن ئىدى.

پۈتۈن ئۆمرىدە بىرەر قېتىممۇ دوپپا كەيمەيدىغانلار بار.<<دوپپا>>ۋە باشقا مىللى مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى بىلمەيدىغان ئەۋلاتلارمۇ كۆپ.

شۇنداق ئىكەن مەدەنىيەت ئارقىلىق تىچلىق ۋە تەرەققىيات يولىنى ئېچىش،ياشلارغا،كىينكى ئەۋلاتلارغا ئېسل مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يەتكۈزۈش بۇرچىمىزدۇر.

دوپپا-ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ ھەممىسى ئەمەس،ئەمما كىچىكلىتىلگەن جەۋھىرىدۇر.

دوپپا كەيمىگەنلەر ئۇيغۇر ئەمەس دىيەلمەيمىز،ئەمما دوپپا ئارقىلىق مىللى كىملىكىمىز ۋە مەۋجۇتلۇقىمىزنى كۇچەيتەلەيمىز،چۇنكى ئۇ بىزنىڭ تاشقى كىملىكىمىز،مەدەنىيەت ئەلچىمىزدۇر.

دوپپا بايرىمى-ۋەتەندە ئۇيغۇر مىللى روھىنىڭ ئىشپ بېرىشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تەسرى ۋە رولى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەندىشگە سالدى ،2013-يىلدىن باشلاپ،بارا-بارا تۈرلۈك ئۇسۇلدا دوپپا بايرىمىغا قارشى چاقىرىق ،ھەرىكەتلەرنى ئۇيۇشتۇردى،چوڭ تىپتىكى دوپپا بايرىمى پائالىيتىنى چەكلىدى،ئۇنىۋرستىتلاردا چەكلىدى،ئەمما رەسمى شەكىلدە 2017-يىلدىن باشلاپ چەكلىدى.2018-يىلى بولسا،دوپپا كىيېپ مېڭىش ،ئۆزىنى ئۇيغۇر دېيش ئىغىر ۋەھىمە پەيدا قىلىدىغان بىر ھالەت شەكىللەندى.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئۇيغۇر ھېكايىلىرى (1) :سەرگەردان سەنئەتكار ئانا

يە ماي 6 , 2018
ئۇيغۇر ھېكايىلىرى :سەرگەردان سەنئەتكار ئانا (1) تايىر ئىمىن ئۇيغۇريان ئۇيغۇر ھېكايىلىرى -ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى تور بېكتىنىڭ چەتئەلدىكى سەرگەردان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاددى تۇرمۇش ھېكايىلىرى بايان قىلىنىدىغان بىر سەھىپىسى بولۇپ،ھەر ھەپىتىدە بىر ھېكايە ئىلان قىلىنىدۇ .ئۆز ھېكايىڭىزنى ئورتاقلىشڭ ! بۇگۇن چۈشتە <<ئۇچۇرچى>>(مەسنجىر)دە بىر ھەدىمىز دەردىنى تۆكۈپ بەردى،مەن ئۇنىڭ ئ‍سمىنى تىلغا ئالماي،دىگەنلىرىنى ئەينەن خاتىرىغا ئالدىم،بۇ […]

You May Like