خىتايلار سىرىلانكىدىكى تىرورلۇق ۋەقەسى ئارقىلىق، ئاتالمىش تەربىيەلەش لاگىرلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنماقتا.  

سېرىلانكىدا 21-چىسلا يەكشەنبە كۈنى سېرىلانكىنىڭ پايتەختى كولومبو، ئۇنىڭ ئەتراپتىكى نىگەنبو ۋە سىرلانكىنىڭ شەرقىدىكى باتىكولو قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئۈچ چىركاۋ ۋە تۆت مېھمانخانىدا زەنجىرسىمان پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

خىتايلار سىرىلانكىدىكى تىرورلۇق ۋەقەسى ئارقىلىق، ئاتالمىش تەربىيەلەش لاگىرلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنماقتا.

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 تەييارلىغۇچى: ئەردەم

سېرىلانكىدا 21-چىسلا يەكشەنبە كۈنى سېرىلانكىنىڭ پايتەختى كولومبو، ئۇنىڭ ئەتراپتىكى نىگەنبو ۋە سىرلانكىنىڭ شەرقىدىكى باتىكولو قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئۈچ چىركاۋ ۋە تۆت مېھمانخانىدا زەنجىرسىمان پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

 ۋاشىنگىتون پوچتا گىزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ۋەقەگە دائىش ئۆزىنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.

بۇ خەۋەردىن كىيىنلا، خىتايلار تورلاردا مۇسۇلمانلارنى سۆكۈپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قۇرغان جازا لاگىرلىرىنى ماختاشقا باشلىغان.

خەلقئارا سىياسەت ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزىدىغان ئەقىل ئامبارلىرىدىن بىرى بولغان كەلگۈسى   ياۋرو-ئاسىيا تور بىتى يازغۇچىسى ئادام گەررىي  « سىرىلانكىدىكى تىراگىدىيە خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى رادىكالىرىمزغا قارشى سىياسىتىنىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدۇ» دىگەن تېمىدا ماقالە يىزىپ، جازا لاگىرلىرىنى ئاقلىغان. ئۇ يەنە ماقالىسىدا خىتاينىڭ رادىكاللىزىمغا قارشى تۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۇتۇقلىرى، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتقا كەلتۈرگەن مەنپەئەتلىرىنى ماختاپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا قارشى پوزىتسىيەسىنى سۆكۈپ، بۇ ئۈلگىلىك مودىلدىن ئۆرنەك ئىلىشنى تەۋسىيە قىلغان.

ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى سىرىلانكا خەلقىنىڭ بىشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە قاتتىق قايغۇرىدۇ ۋە بارلىق تىرورلۇق قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

مەنبە:

https://eurasiafuture.com/2019/04/24/the-tragedy-in-sri-lanka-vindicates-chinas-counter-extremist-strategy-in-xinjiang/

 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئارقىلىق خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىن پىڭ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى»[1]باش سېكىرتارى چىن چۈەنگونى سوتقا تارتىش ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

چا ئاپرېل 24 , 2019
ماقالىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى غوللۇق خادىملىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى جازالاشنىڭ مۇمكىن بولۇپ - بولمايدىغانلىقىنى مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش ۋە بۇ مەقسەتكە يېتىشنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش.

You May Like