خىتاينىڭ بىر قىسىم ئۆلكە، شەھەرلىرىدە روژدېستىۋو بايرىمى ئۆتكۈزۈش چەكلەندى

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ 24-چىسلادىكى خەۋىرىدە خىتاينىڭ بىر قىسىم ئۆلكە،شەھەرلىرىدە روژدېستىۋو بايرىمى ئۆتكۈزۈشنى چەكلىگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

2019-12-25

 

سايئوغلى

 

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ 24-چىسلادىكى خەۋىرىدە خىتاينىڭ بىر قىسىم ئۆلكە،شەھەرلىرىدە روژدېستىۋو بايرىمى ئۆتكۈزۈشنى چەكلىگەنلىكى ئېلان قىلىندى. خىتاي ھۆكىمىتى پارتىيە ئەزالىرنى باشلامچى بولۇپ جۇڭخۇا ئەنئەنىسنى جارى قىلدۇرۇشقا «ئەجنەبى بايرىمى»نى ئۆتكۈزمەسلىككە چاقىرغان.
خوڭكوڭ مېدىياسى: روژدېستىۋو بايرىمى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن خۇنەن، يۈننەن قاتارلىق ئۆلكىلەردە يەرلىك ئەمەلدارلار پارتىيە ئەزالىرى ۋە پۇقرالارغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، باشقىلارنى دوراپ غەرىپنىڭ بايرىمىنى ئۆتكۈزمەسلىك كېرەكلىكىنى ئېيتقان. مەلۇم بىر ئەمەلدارنىڭ دىيىشچە،روژدېستىۋو قاتارلىق غەرىپنىڭ بايراملىرى خىتايلارغا تەۋە ئەمەسكەن،شۇڭا بۇ بايرامنى تەبىرىكلەش پائالىيتى ئۆتكۈزۈشكە بولمايدىكەن. خىتايلار چاغان ۋە تاۋۇز چاغىنى قاتارلىق بايراملارغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەككەن. پەقەت بۇ بايراملار جۇڭخۇا ئەنئەنىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىكەن.
ئەلۋەتتە بۇ ئۆزىنىڭ مەدىنىيتىگە ئىشەنچىسى يوقلارنىڭ كۆز- قارىشىدۇر. ھېچقانداق بىر دۆلەت ياكى ھۆكۈمەتنىڭ بىۋاستە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ باشقا مەدەنىيەتلەرنى چەكلىگەنلىكىنى كۆرمىدۇق. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى تۆۋەن مەدەنىيەتنىڭ يۇقىرى مەدەنىيەت تەرىپىدىن يۇغۇرلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىشنىڭ ئىپادىسى بولسا كېرەك.
خۇنەن خېڭياڭ شەھەرلىك خەلىق ھۆكىمىتى قاتناش تەرتىپى ۋە بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ 12-ئاينىڭ 18-كۈنى كوچىلاردا روژدېستىۋو بايرىمىنى تەبىرىكلەش پائالىيتى قىلىشنى چەكلەپ ئۇقتۇرۇش چىقارغان. خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇن بويىچە مەيداندىن مەجبۇرى ئېلىپ كېتىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ئۇقتۇرۇشنىڭ 5-ماددىسىدا پارتىيە ئەزالىرىنىڭ باشلامچى بولۇپ «ئەجنەبى بايرىمى» ئۆتكۈزۈشنى چەكلەشكە، ئەنئەنىۋى بايلاملارنى موللاشتۇرۇپ،رەڭگارەڭلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى ئىستىلىنى تىكلەشكە چاقىرغان.
يۈننەن ئۆلكىسىدە بەرزى تىجارەت خاراكتىرلىك كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا روژدېستىۋو بايرىمى ئۆتكۈزۈش پائالىيتى ئېلىپ بېرىشنى چەكلىگەن.سەۋەبى روژدېستىۋو بايرىمى خىتايلارنىڭ بايرىمى ئەمەسكەن.
بەرزى مېدىيالارنىڭ ئېلان قىلىشچە،گۇۋاڭدۇڭ،خېنەن، سىچۈەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى خىتاي خىرىستيان ئائىللىرنىڭ چېكركاۋلاردىمۇ چوڭ كۆلەملىك پائالىئەت قىلىشى چەكلەنگەن. پەقەت كىچىك شەكىلدە ئېلىپ بېرىشقا رۇخسەت قىلىنغان. بەرزى شەھەرلەردە «تىنچلىق كېچىسى» (平安夜)ئۆتكۈزۈشمۇ چەكلەنگەن.
خوڭكوڭ رادىيو تېلۋىزىيەسىنىڭ ئېلان قىلىشچە، بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردە ھۆكۈمەت رۇخسىتى بىلەن ئېچىلغان چېركاۋلاردا بۇنداق چەكلەش بولمىغان. بېيجىڭ كوچىللىرى روژدېستىۋو بايرىمى تەبىرىكلەش ئۈچۈن زىننەتلەنگەن.
قىززىق يېرى،24-چىسلا تىرامپ مېدىيادا شى جىنپىڭنى دەسلەپكى قەدەمكى سودا كېلىشىمى ئۈچۈن ئىمزا ئېتىشقا ئۆزىنىڭ كېلىشنى ئوتتورغا قويغان. بۇ كېلىشىم خىتاي ئۈچۈن تەڭسىز بىر كېلىشىم دەپ قارالماقتا. تىرامپنىڭ شى جىنپىڭدەك يۈزىنى بەك ئاۋايلايدىغان كىشىنى بىۋاستە ئىمزا قۇيۇشقا چاقىرشى شى جىنپىڭنىڭ كېلىشىمىنى ئارقىغا تارتىپ ۋاقىت ئالغانلىقى ئۈچۈنمۇ ياكى باشقا مەقسەتمۇ بارمۇ؟

 

مەنبەسى:

UT-Uyghur Reporter 16

Next Post

ئامېرىكا مېدىياسى خۇاۋېي شىرىكىتىنىڭ يەنە بىر سىرىنى ئاچتى

پە دېكابىر 26 , 2019
فىرانسىيە رادىئو -تېلۋىزىيەسىنىڭ 26-چىسلا بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئامېرىكا مېدىياسى خۇاۋېينىڭ خىتاي ھۆكىمىتى تەرىپىدىن زور مىقداردا تۇلۇقلىما ياردەم پۇلى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئاشكارلىدى.

You May Like