تاشقى سىياسەت
كېيز جونسون (KEITH JOHNSON)
ئېلان قىلغان ۋاقتى: 2018- يىلى 2- فېۋرال
ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: كۆلتېگىن
ئويۇشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]
دۆلەت ئىگلىكىدىكى پورت ئىشلتىش ۋە توشۇش كارخانلىرى ، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ ، بىر يول » قۇرلۇشدىكى ئەڭ موھىم ئالدىنقى سەپتۇر.
خىتاينىڭ تىرلىيون دوللارلىق مەبلەغ بىلەن باشلاتقان دىپلوماتىك ئىقتسادى قۇرلۇشى بولغان « بىر بەلباغ ،بىريول» ئىستراتگيسى دائىم ھىچ ئاساسى بولمىغان ، نائېنىق بىر قۇرلۇش دەپ قارىلىپ كېلۋاتىدۇ.
لىكىن دۆلەت ئىگلىكىدىكى خىتاي كارخانىلرى دىققەت نەزىرىنى سىنگاپوردىن شىمالىي دېڭىزغىچە بولغان باس ـ باس تىجارەت پورتلىرى ۋە ئىستراتىگىيلىك ئەسلىھەلەرگە ئىگە بولۇشقا قاراتقان بولۇپ ، بۇ ئارقىلىق خەلقئارالىق سودا ۋە سىياسى كۈچ خەرىتسىنى قايتىدىن سىزماقتا.
غايەت زور مەبلەغگە ئىگە بولغان ئىككى گىگانىت ، خىتاي يىراق ئوكيان توشۇش شىركىتى ۋە خىتاي تىجارەت پورت گوروھى ، ئاچكۆزلۈك بىلەن ھىندى ئوكيان، ئوتترا دېڭىز ۋە جەنۇبي قۇتۇب ھالقىلىرىدىكى موھىم بولغان توشۇش پورتلىرىنى سېتۋالماقتا. تېخى ئۆتكەن ئايدا خىتاي يىراق ئوكيان توشۇش شىركىتى بىلگىيەنىڭ زىببۇرگ شەھرىدىكى ، دۆلەتلىك ئىككىنچى چوڭ پورتى بولۇپ ھېسابلىندىغان پورتنى سېتۋالدى . شۇنىڭ بىلەن بۇ پورت خىتاينىڭ غەربىي شىمالى ياۋرۇپادىكى بىرنچى كۆۋرۈكىگە ئايلاندى.
تېخى بىر نەچچە يىل ئىلگىرىلا خىتاي ئىسپانىيە، ئىتالىيە ۋە گىرتسىيەنىڭ نۇرغۇن پورت ۋە باشقا مۇھىم جايلىرىنى سېتۋالغان ئىدى. بۇرۇن پەقەت خىتاينىڭ ئىچكى تىرانسپورتى بىلەن شۇغۇللىندىغان دۆلەت ئىگلىكىدىكى خىتاي شىركەتلىرى ، ئەمدىلكتە بولسا ياۋرۇپا دېڭىز تىرانسپورت مىقدارىنىڭ 10% نى كونترول قىلماقتا. پورت سېتۋېلىش قۇرلۇشى بولسا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى دېڭىز، تاشيول، تۈمۈر يول ۋە تۇربا يولى ئارقلىق ياۋرۇپاغا باغلاشتىن ئىبارەت چوڭ پىلاننىڭ ئەڭ ئوچۇق بىشارىتىدۇر. بۇ پورتلار خىتاينىڭ « بىر بەلباغ ، بىر يول » قۇرلۇشىنىڭ يېرىمنى تەشكىل قىلدىغان بولۇپ ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىن باشلىنىپ ھىندى ئوكيان ۋە سۈۋەيىش قانىلىدىن ئۆتۈپ ئەڭ ئاخىرىدا ياۋرپانىڭ ئەڭ ئاجىز نوقتسىغا يىتىپ بارىدۇ .
دېرۋېرىيدىكى دېڭىز ئوكيان مەسلھەت بېرش شىركىتنىڭ پىشقەدەم ئانالىزچىسى نېيىل دېۋىدسون ( Neil Davidson) مۇنداق دېدى ؛ ــ خىتاي يىراق ئوكىيان توشۇش شىركىتىنى ياخشى كۆرگۈچىلەر ئۈچۈن بۇ پورتلارنىڭ خىتاي تەرپىدىن سېتۋېلىنشى ئىقتسادى جەھەتتىن ناھايتى ياخش بىر ئىش .شۇنداقلا بۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىيجىڭدىكى خوجايىنىنى خۇشال قىلدۇ. چۈنكى بۇ ئىشلار « بىر بەلباغ ، بىر يول » قۇرلۇشىغا ماس كېلىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ تېگىدە گىئوپولىتىك مەقسەد يوشۇرۇنۇپ ياتماقتا.
خىتاي ئەينى ۋاقىتتا ياۋرۇپانىڭ توپ زەمبىرەكلىرى بىلەن مەجبۇرى ئېچۋىتلگەن بولۇپ خىتاي بۇنى يۈزيىللىق ھاقارەت دەپ قارايدۇ ۋە زامانىۋي ئىقتسادى كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرى نۇرمال دەپ قارىغان ھالەتكە قايتىش خىتاينى ئەڭ مەمنۇن قىلدىغان ئۇسۇلدۇر.
نىدىرلاندىيە خەلقئارالىق مۇناسۋەتلەر ئىنستىتوتى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسىسى Frans-Paul van der Putten مۇنداق دېدى: ــ ئاساسى مەقسەد بولسا خىتاينىڭ چەتئەلگە بولغان تايىنشچانلىقىنى ئازايتىپ ، خەلقئارالىق تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت.
خىتاينىڭ كۈنسىرى ئېشىپ بېرىۋاتقان تەسىر كۈچى ياۋرۇپادىكى نۇرغۇن كىشىلەرنى چۈچۈتىۋەتتى. خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىش كۆلىمنىڭ مىسلىسىز كىڭيشىگە ئەگىشىپ ياۋرۇپا رەھبەرلىرى شى جىنپڭنىڭ خىتاينىڭ ئىقتسادى كۈچىنى سىياسى ساھەگە سۆرەپ ئەكىرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. مەسلەن خىتاي بىر تىرىليۇن دوللار پۇل بىلەن گىرتسىيەنىڭ چۆلدەرەپ قالغان پىرائۇس پورتنى سېتۋالدى ۋە يىڭلىدى. بىيجىڭ بۇ ئارقلىق گىرتسىيەنىڭ ياردىمىدە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ كىشلىك ھوقۇق ۋە جەنۇبىي دېڭىز مەسىللىرىدىكى ئەيپلەشلىرىنى بىكار قىلىپ كەلمەكتە.
ئەمدىلكتە بولسا ئوتترا ۋە شەرقىي ياۋرپادىكى مەبلەغلىرىگە پارالىل بىر شەكىلدە ، خىتاينىڭ دۆلەت ئىگلىكىدىكى كارخانىلىرى ئوتترا دېڭىزغا قاراپ ئىلگىرلىمەكتە بولۇپ ، بۇ ئەندشىلەر تېخى يوقاپ كەتكىنى يوق.
ـــ «بىر بەلباغ ، بىر يول» قۇرلۇشىدىكى ئاساسي ئۇل مۇئەسسەسسە قۇرلۇشلىرىغا مەبلەغ سېلىشنىڭ كۆلىمى ،خىتاينىڭ بۇ رايۇندىكى سىياسي تەسىر كۈچىنىڭ ئىشىشىنىڭ بەلگىسىدۇر ــ دەيدۇ، HHS Marki نىڭ خەلقئارالىق پورتلىرىنىڭ مەسئولى تورچ مۇنىي .
خىتاينىڭ دىڭىز ئوكيان تىرانسپورت ۋە پورت شىركتى، A.P. Moller-Maersk شىركتى ۋە Hutchison Ports قاتارلىق دۇنياۋي مونۇپۇل شىركەتلىرىگە سېلشتۇرغاندا بىر ئەرزىمەس كىچىك بېلىق ئىدى. لىكىن 2016- يىلى بېيجىڭ ھۆكىمىتى ، خىتاي دېڭىز ئوكيان توشۇش شىركىتى ۋە دېڭىز تىرانسپورت شىركىتىنى بىرلەشتۇرۇش ئارقلىق خىتاي يىراق ئوكيان تىرانسپورت شىركىتىنى (COSCO )قورۇپ چىقتى. بۇ توشۇش شىركىتى دۆلەت ئىگلىكىدىكى تىرانسپورت لىنيەلىرى، پورت قۇرلۇشى ۋە باشقا توشۇش تىجارەتلىرى بىلەن شۇغۇللىندىغان بولۇپ غايەت زور تىرانسپورت شىركىتىگە ئايلاندى.
بۇ شىركەت بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىدى ، 2017- يىلى 6 مىليارد دوللار خەجلەپ كۆلىمى ئۆزىگە قارىغاندا ئازراق كىچىك بولغان Orient Overseas International شىركىتىنى سېتۋېلىپ ئۆزىنىڭ دېڭىز تىرانسپورت تىجارىتى ساھەسدىكى ئورنىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. نۆۋەتتە بۇ شىركەت ياۋرۇپا ۋە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تىرانسپورت شىركىتى ۋە ئەڭ باس باس دېڭىز ئوكيان پورتلىرىنى كونترول قىلماقتا.
پورت ئىشلتىش ساھەسىگە نىسبەتەن خىتاينىڭ COSCO شىركىتى تېخى ئەڭ چوڭ خىتاي دۆلەت ئىگلىكىدىكى شىركەت ھېسابلانمايدۇ. خىتاي سودا پورت گوروھى (China Merchants Port Holdings) تېخمۇ كۆپ يۈك توشۇش ئىقتدارىغا ئىگە. بۇ شىركەت ياۋرۇپادىكى بەزى پورتلارنى سېتۋېلىش بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي يەنە، سىرلانكا، جىبۇتى، بىرازىليە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئىستراتىگىيلىك پورتلارنى سېتۋالماقتا.
كوسكو ۋە خىتاي سودا پورت گورۇھى ئۆزلىرىنىڭ ياۋرۇپادىكى رىقابەتچىلىرىگە قارىغاندا تۆۋەندىكىدەك ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە : بىرنجى ، ئاسانلا غايەت زور مەبلەغگە ئېرشەلەيدۇ ۋە بۇ مەبلەغدىن پايدىلىنىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايىلىرىدا ھالقىلىق ئەسلىھەلەرنى سېتۋالالايدۇ. ئىككىنچى ، ھەر ئىككى شىركەت خىتاي بانكىلىرىدىن غايەت زور تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز ئالالايدۇ. بولوپمۇ كوسكو خىتاي تەرەقىيات بانكسىنىڭ « بىر بەلباغ ، بىر يول » قۇرلۇشى ئۈچۈن ئاجراتقان نەچچە مىليارد دوللارلىق مەبلىغىغە تېخىمۇ ئاسان ئېرىشەلەيدۇ.
ــ تىجارەت ۋە ئىقتىساد نوقتسىدىن قارىغاندا، قولاي ئىقتسادى مەنبەگە ئېرىشىش ۋە دىپلوماتىك قوللاش ، خىتاي پورت سېتۋېلىش ۋە ئىشلتىش كارخانلىرىنى ئۆزى بىلەن ئوخشاش تۈردىكى رىقابەتچىللىرىنى پورتلارنى سېتۋېلىش ۋە مەبلەغ سېلىش جەھەتتە ئاسانلا يېڭىپ چىقىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلغان ــ دەيدۇ مۇنىي .
ئەگەر پورتنىڭ ئىستراتىگىيلىك ئەۋزەللىكى ئونىڭ ئىقتسادى ئەۋزەللىكىدىن بەكرەك موھىم بولسا بۇ خىل كارخانلارغا بىرىلدىغان ئىقتسادى ياردەم تېخمۇ قولاي ۋە كۆپ بولىدۇ. مەسلەن خىتاينىڭ جىبۇتىدىكى سودا پورتنىڭ توشۇش مىقدارى ئۆتكەن يىلى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە تىجارەت گۈللەنگەن بىر مەزگىلدە يېرىمدىن كۆپرەك ئازلاپ كەتكەن . لىكىن جىبۇتى بېيجىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن موھىم بولۇپ بۇيەرگە خىتاينىڭ بىردىنبىر چەتئەل ھەربىي بازىسى جايلاشقان شۇنداقلا بۇ يەر ئىستراتىگىيلىك جەھەتتەنمۇ ھىندى ئوكيان تىرانسپورت يولىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقان .
مۇنىي بۇھەقتە يەنە مۇنۇلارنى دېدى : ـــ بۇيەرنىڭ موھىملقى خىتاي ئۈچۈن ئالاھىدە سىتراتىگىيلىك قممىتىنىڭ بولغانلقىدا . خىتاي شىركەتلىرى موشۇنىڭغا ئوخشاش ھىچقانداق ئىقتسادى قىممەت يارتالمايدىغان پورتلارنى سېتۋېلىش ۋە مەبلەغ سېلشنى داۋام قىلماقتا.
شۇنداقتىمۇ بۇ ئاچكۆزلەرچە سېتۋېلىشنىڭ مەقسىدىنى پەقەتلا گىئوپولىتىكلىق مەقسەد ئۈچۈن ئەمەس.
2016-يىلدىكى تىجارەتنىڭ ئازىيشىدىن سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان تىرانسپورت شىركەتلىرىنىڭ كىرىزسىدىن كىين ، پورتلار بۇ زىياننى تولۇقلايدىغان كۈچكە ئايلاندى. بۇ ۋاقىتتا خىتاي كوسكو شىركىتىمۇ 1.4 مىليارد دوللار زىيان تارتقان . تىرانسپورت سودىسى ئاز پايدىلىق ئىش بولۇپ پورت ئىشلتىشتىن بۇنىڭغا قارغاندا تېخمۇ كۆپ پايدا ئالغىلى بولىدۇ ـــ دېدى ، داۋىدسون.
كوسكوغا ئوخشاش تىرانسپورت شىركەتلىرى چۆلدەرەپ قالغان پورتلارغا مەبلەغ سېلىش ياكى سېتۋېلىش ئارقلىق ئويەرنى ئاۋات پورتقا ئايلاندۇرۇش ئارقلىق پايدىغا ئىرشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. مەسلەن كوسكو شىركىتى گىرتسىيەنىڭ پىرائۇس پورتىنى توختاپ قالىغان پرىستاندىن ياۋرۇپا ۋە ئوتترا دېڭىزنى ئاسىياغا باغلايدىغان ئالدىراش ۋە ئاچقۇچلۇق پورتقا ئايلاندۇردى . بۇشىركەت ئىسپانىيەنىڭ ۋالۇنسىيە پورتى ۋە غەربىي شىمالىي ياۋرۇپادىكى زىبۇرگ پورتلىرىنمۇ سېتۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
لىكىن خىتاينىڭ پورت، ئېنىرگىيە ۋە يۇقىرى پەن ـ تېخنىكا قاتارلىق ياۋرۇپا ئىقتسادىدىكى ھالقلىق ساھەلەرگە كىڭيىش سۈرئىتى ياۋرۇپا رەھبەرلىرىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى.
ياۋرۇپا كومسىسيۇنى پىرزدىنتى Jean-Claude ئۆتكەن يىلى كۈزدە گەرچە خىتاينى ئايرىم تىلغا ئېلىپ ئۆتمىگەن بولسىمۇ ، پورت قاتارلىق ئەسلىھەلەرنىڭ چەتئەلگە سېتلىشى ھەققىدە ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. بۇ كومسىيون ھازىر خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نازۇك ساھەلەرگە مەبلەغ سېلشىنى توسۇپ قېلشنىڭ يېڭى يوللىرى ھەققىدە ئىزدەنمەكتە.
فىرانسيە پىرزدىنتى ماكرون ئۆتكەن ئاي خىتاينى زىيارەت قىلدى ۋە خىتاينىڭ ياۋرۇپادىكى ئاساسى ئۇل مۇئەسسەسسەلەرنى سېتۋېلىش ھەركەتلىرىنى كۆرستىپ ئۆتتى، شۇنداقلا ياۋرۇپانى بۇنىڭغا قارتا تەدبىر ئېلشقا چاقىردى. رۇتىر ئاگىنتلىقىنىڭ خەۋرىگە قارغاندا ماكرون ، ياۋرپا ئىتپاقىنىڭ بەزى ئەزا دۆلەتلىرى ئەگەر ئىشكنى بەك چوڭ ئېچىپ بەرسە ، خىتاينىڭ بۇقىتئەنى ۋە چوڭ دۆلەتلەرنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولىۋالدىغانلقىنى سۆزلىگەن .
2016- يىلى خىتاينىڭ گىرمانىيەنىڭ ماشنا ئادەم ياساش شىركىتى KUKA نى سېتۋېلشى قارشلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ كىشىنى تېخىمۇ بەك ئەندشىگە سالدىغىنى خىتاينىڭ كەلگۈسىدە ياۋرۇپانىڭ ئىقتسادى ئەۋزەللىكنى قوغدايدىغان يۇقرى تېخىنكلارنى يۈتۈپ كىتشىدۇر.
van der Putten نىڭ دىيشچە ، ئوتترا ۋە جەنۇبىي ياۋرۇپادىكى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ ، بىريول » قۇرلۇشغا مۇناسىۋەتلىك بولغان پورت سېتۋېلىش ۋە باشقا ئۇل مۇئەسسەسسە قۇرلۇشلىرى، ئاللىبۇرۇن تەۋرىنىپ قىلۋاتقان ياۋرپا ئىتپاقى ئەزالىرىنىڭ سىياسى جەھەتىتىن خىتاينىڭ تەسىرگە ئۇچرايدىغاندەك بىر ئەندشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
ئو يەنە مونۇلارنى بىلدۈردى، ـــ ھازىر خىتاينىڭ مەبلەغ سېلشىنىڭ سىياسى مەقسىدى ھەققىدە نۇرغۇن تالاش ـ تارتشلار مەۋجۇت. لىكىن يەنە بىر مۆلچەر بولسا ئوتترا دېڭىز ۋە ئوتترا ياۋرۇپادىكى خىتاي مەبلەغ سالغان دۆلەتلەرنىڭمۇ خىتايغا بولغان تەسىرى ئېشىپ بارىدۇ دەپ قارالماقتا.