يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ بىخەتەرلىك تەھدىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارى خىتاي ھەققىدە يېڭى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك تەھدىتى روسىيىدىمۇ چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازى خىتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018- يىلى 16- دىكابىر

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-12-16

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارى خىتاي ھەققىدە يېڭى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك تەھدىتى روسىيىدىمۇ چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ، دۆلەت زېمىن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بىلەن ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرى، خىتاينىڭ ئامېرىكا تور بوشلۇقىدىكى يوچۇقلارغا تىغ ئۇچىنى قارىتىشى كۈنسايىن كۆپىيىۋاتىدۇ، ھەمدە ئامېرىكىدىكى بەزى خىتايلىقلارنى قوللىنىپ مەخپىيەتلەرنى ئوغرىلاپ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ دېدى.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى ياردەمچى مۇدىرى بىل پرىستاپ چارشەنبە كېڭەش پالاتاسى ئەدلىيە كومىتېتى يېغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: » بۇ دۆلىتىمىز دۇچ كىلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر جاسۇسلۇققا قارشى تەھدى.»

ئۇ ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى، » بىز تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىنكاس قايتۇرۇشىمىز كېرەك. ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنى يالغۇز ئامېرىكىنىڭلا كەلگۈسى بولماستىن ، شۇنداقلا دۇنيانىڭمۇ كەلگۈسى. »

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2011- يىلىدىن باشلاپ 2018- يىلىغىچە، 90 پىرسەنتتىن ئارتۇق دۆلەت جاسۇسلۇق دىلوسى خىتاي بىلەن ئالاقىدار بولۇپ، خىتاينىڭ ھەرىكىتى تېخىمۇ تېزلەشمەكتە ئىكەن.

ياردەمچى ئەدلىيە مىنىستىرى جون دېمېرس مۇنۇلارنى بىلدۈردى، » سەھنە ئەسىرى ئىنتايىن ئاددىي: بۇلاش، كۆپەيتىش ۋە ئورنىنى ئىگىلەش. ئامېرىكا شېركەتلىرىنىڭ بىلىم – مۆلۈك ھوقۇقىنى بۇلاش، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ تېخنىكىسىنى كۆپەيتىش، ئاندىن كېيىن خىتاي بازىرى ۋە دۇنيا بازىرىدا ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەشتىن ئىبارەت

بىل پرىستاپ ۋە جون دېمېرس قاندۇقتۇر خىتاي تەھدىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن تۇنجى ۋەياكى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئەمەس.

ئىلگىرىكى ئاگاھلاندۇرۇشلار

ئامېرىكا دۆلەت ئاخبارات باش نازارەتچىسى دەن كوۋتس ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قارىتا تەرتىپلىك ۋە رەتلىك مېتودى بار، بۇنىڭغا تور بوشلۇقىدىكى ئەمەلى كۈچى قۇشۇلۇپ، شەكىللەندۈرگەن خەتىرى روسىيەنىڭ ئامېرىكا سايلىمىغا قول تىقىشىدىنمۇ چوڭ.

دەن كوۋتس ئۆز ۋاقتىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى، » خىتاي نسپەتەن مۇقىم بولغان خىتاي- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە خەلقىئارا سىستېمىدىن نەپ ئالدى. بۇ خىل مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ ئوڭاي پەرەز قىلغىلى بولىدۇ، ھەم تالاش-تارتىشمۇ بىر قەدەر ئاز

لېكىن دەل ئاخبارات ئەمەلدارى چىقارغان ئەڭ يېڭى ئاگاھلاندۇرۇشى ئالدىدا ، ئامېرىكا بېيجىڭ بىلەن سودا تالاش- تارتىشىغا كىرىپ قالدى، خىتاينىڭ مۇھىم بىر خەۋەرلىشىش مەسئۇلىنىڭ قولغا ئېلىنىشى بىلەن كېلىپ چىققان جىددىي ۋەزىيەت ئۈزلۈكسىز كەسكىنلەشتى

خۇاۋېي باش مالىيە ئەمەلدارى مېڭ ۋەنجوۋ  كانادا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ھازىر بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن . ئۇ بەلكىم ئالدامچىلىققا چېتىشلىق بولۇش ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا بولغان جازاسىغا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى مۇمكىن.

خىتاي مېڭ ۋەنجوۋنىڭ قۇيۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا پرېزدېنتى ترامپ سەيشەنبە كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە پايدىلىق بولسا، ۋەياكى ئۇنىڭ بېيجىڭ بىلەن سودا كىلىشىمى تۈزۈشىگە ياردىمى بولسا، ئۇ قول تىقىشنى ئويلىشىپ كۆرىدىكەن.

چارشەنبە كۈنىدىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ، ترامپنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىش-كۆرسەتمەسلىكى ھەققىدە سورالغاندا، جون دېمېترس بۇنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى قەتئىيلىك بىلەن بىلدۈردى  .

ئۇ مۇنداق دېدى، » بىزنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدىكى خىزمىتىمىز قانۇن ئىجراقىلىش. بىز سودا قىلمايمىز. بىز داۋا قىلىمىز، بىز سودا قورالى ئەمەس.«

خۇا ۋېي دىلوسى ۋە  خىتاي-ئامېرىكا سودا سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئاخبارات ئەمەلدارلىرى بىردەك خىتايدىن كېلىدىغان تەھدىت پەقەت داۋملىق ئېشىپلا بارىدۇ دەپ قارايدۇ.

دۆلەت زېمىن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇل ئەسلىھە بىخەتەرلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كرىس كرېبس چارشەنبە كۈنى پارلامېنت ئەزالىرىغا مۇنۇلارنى دېدى: » بىزنىڭ ئىقتىسادىمىز بىر ئورتاق كېسىشىش سىستېمىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان. بىزنىڭ خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەقىبىمىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، بۇ بىر ئۆزئارا باغلىنىشلىق نىشاندىن ھاسىل بولغان غايەت زور تور

مارىئوت ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى

بېيجىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكىنىڭ ئەڭ يېڭى زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىنىڭ بىرى دەل مارىئوت مېھمانسارىيى . باش شتابى ئامېرىكىغا جايلاشقان بۇ خەلقئارالىق مېھمانسارىيىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا 9 – ئايدا خاككېرلىرى ھۇجۇم قىلدى ، ئوغرىلانغان ئۇچۇرلار شەخسلەر ۋە مالىيە ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئامېرىكا مېديالىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى نەقىل قىلىپ خەۋەر بېرىشىچە، بۇ قېتىمقى تاجاۋۇزچىلىق ۋەقەسىدە خىتاي ئاخباراتىنىڭ ئالامەتلىرى بار بولۇپ، جىنايەت ھەرىكىتىنىڭ ئالامەتلىرى ئەمەس ئىكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، خاككېرلار خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ دەپ گۇمانلانغان، چۈنكى ئۇلارنىڭ قوللانغان ئۇسۇلى خىتاينىڭ ئىلگىرىكى تاجاۋۇز قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ئوخشاش ئىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نيۇ – يورك ۋاقىت گېزىتىگە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: » خىتاي تەرەپ ھەرقانداق خاككېر ھۇجۇمىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ۋە قانۇن بويىچە زەربە بېرىدۇ.» بۇ باياناتچى ئەگەر ئالاقىدار ئىسپات بار بولسا، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەگىشىپ تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

لېكىن، خىتايدىن كېلىدىغان تەھدىت پەقەت تور خاككېرلىرى، ھۇجۇم قىلىش ۋە تاجاۋۇز قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ.

ئالاقىدار ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭ تەرەپ ئامېرىكىدىكى خىتايلىقلارنى قوللىنىۋاتقان بولۇپ، مەسىلەن پەن-تېخنىكا خادىملىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئارقىلىق ئامېرىكا شىركەتلىرى، ئۇنۋېرسىتېتلىرى ۋە باشقا تەتقىقات ئورگانلىرىنى نىشانغا ئالماقتا ئىكەن.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىدىن بىل پرىستاپ مۇنداق دېدى: » ئۇلارنىڭ قارشىچە بۇ كىشىلەر ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنىڭ ئۇزىرىشى ئىكەن.»

ئۇ مۇلارنى بىلدۈردى: » مىنىڭ قارىشىمچە، بۇ كىشىلەرنىڭ بىلىم سەۋىيىسى تۆۋەن، قاندق قىلغاندا ھۆكىمىتىنىڭ سىياسى مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى قەتئىي بىلمەيدۇ. باشقا كىشىلەر، مەيلى بىۋاسىتە بولسۇن ۋەياكى باشقا يۇمشاق بېشىم بولسۇن، ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى بىلىدۇ.»

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

https://www.voachinese.com/a/threat-china-fbi-security-intelligence-trade-20181212/4698610.html
 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئامېرىكا ماسساچۇستس تېخنىكا ئۇنېۋېرستىتىدا ئۇيغۇر مەسلىسنى مۇزاكىرە قىلدى

دۈ دېكابىر 17 , 2018
وكتۇر مەمەت ئىمىن (نيۇيورك) دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ئۇچۇن جىددى كۆڭۇل بۆلمەكتە. ئامىركىدا ياشاۋاتقان كۆپۈنچە جامائەتنىڭ خەۋىرى بولغاندەك، ۋاشىڭتون ئالاھىدە رايۇنى يالغۇز ئامىرىكىنىڭ مەركىزى بولۇپ قالماستىن،

You May Like