پارىژ شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

پارىژ شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى پارىژ 14-مارت خەۋىرى

 

ئارمان

 

بۈگۈن فرانسىيە پايتەختى پارىژ شەھىرىگە جايلاشقان جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى. نامايىش <<فرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى>> تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ۋە يەرلىك قوللىغۇچىلاردىن بولۇپ جەمئىي 100دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلدى.

 

شۇجاي ۋاقتى 3 بىلەن باشلانغان نامايىشتا ئالدى بىلەن تەشكىلات مەسئۇللىرىدىن ئالىمجان ۋە مىرقەدىر ئەپەندىلەر ھازىرقى شەرقى تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا نامائىش ئەھلىگە چۈشەندۈرۈش بېرىپ ئۆتتى، شۇنداقلا فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى دەرھال ئېتراپ قىلىپ خىتاينىڭ جىنايىتىغا قارشى جىددىي ھالدا ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئارقىدىن نامائىشقا ئىشتىراك قىلغان پارىژ شەھەرلىك 19-رايوننىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فخاڭسۋا بېشىيۇ Francois Bechieau ئەپەندىم سۆزگە چىقىپ ئۆزىنىڭ ھەرۋاقىت ئۇيغۇرلار بىلەن بىرسەپتە ئىكەنلىكىنى ھەم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئەيىپلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شۇنداقلا پرىزدىنت ماكخوڭنىڭ دەرھال ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ خىتاينىڭ بۇ ياۋايىلارچە قىلمىشلىرىنى توسىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. فرانسىيەدە تونۇلغان ئاياللار ھوقۇقى قوغدىغۇچىسى، ۋال دۆ ماغن Val-de-Marne ئۆلكىسى ئىچكى كابىنت مۇدىرى ئاننىي لاخمەرAnnie Lahmer خانىم سۆزگە چىقىپ مۇنداق دېدى: << خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلىرى دەل ئۇيغۇر ئاياللىرىدۇر، ئۇلار باسقۇنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ، مەجبۇرى تۇغماس قىلدۇرىلۋاتىدۇ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان خورلۇقلارغا ئۇچراۋاتىدۇ. ئەمما بىز بۇ ئېچىشنىلىق ئەھۋاللارغا نىسپەتەن تېخى ھازىرغىچە سۈكۈتتە تۇرىۋاتىمىز، نېمە ئۈچۈن؟ ئۇلارنىڭ پەقەتلا مۇسۇلمان بولۇپ قالغىنى ئۈچۈنمۇ؟ ياكى خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقتۇقمۇ؟ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم ئۇيغۇرلارمۇ ھەممىمىزگە ئوخشاشلا ئىنسانلاردىندۇر، سۈكۈتنى بۇزىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى. بۇ جىنايەتلەرنى توختىدىغان ۋاقىت كەلدى!>>.

 

يۇقىرقىلاردىن باشقا يەنە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى، سىياسى ئانالىزچىلار، يەرلىك ئاممىدىن بولۇپ نۇرغۇن كىشىلەر ئارقا ئارقىدىن سۆزگە چىقىپ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى، فرانسيە ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال ھەركەتكە ئۆتۈپ ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزىشىنى تەلەپ قىلىشتى. نامائىش جەريانىدا بىر فرانسۇز خانىم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى يازغان شېئىرىنى ئوقۇپ نەق مەيداندىكى ھەممەيلەننى تەسىلەندۈردى.

 

يېقىندا فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۆ درىياڭ Jean-Yves Le Drian ئەپەندىم فرانسىيە كېڭەش پالاتاسىدا سۆز قىلىپ لاگېرلاردىكى باسقۇنچىلىق، مەجبۇرى تۇغماسلىق سىياسىتى، مەجبۇرىي ئەمگەك مەسلىسى قاتارلىقلار توغرىسىدا نۇرغۇن ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كۈزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە بۇ فرانسىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسلىسىدە پوزىتسىيەسىنىڭ يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى ئىكەن.

 

نامائىش نەق مەيدان كۆرۈنۈشلىرى:

 

https://fb.watch/4ectQXZzSY/

 

 

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

فرانسىيە «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەت» تە

يە مارت 14 , 2021
فرانسىيە «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەت» تە

You May Like