2018-يىلى قۇرۇلغان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتلىرى:
ئاپتورى:تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان تەكشۇرۇپ بېكىتكۇچى:ئۇيغۇر ئاگىېنتلىقى مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسى
2018-يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، ھوقۇقى ، ماددى ۋە روھى ئىھتىياجلىرى ئۇچۇن نۇرغۇن ئاممىۋى تەشكىلاتلار قۇرۇلدى،تۆۋەندە بىز ئۇلارنىڭ ئىچىدە 1- 2018-يىلى قۇرۇلغان، 2-بىر قەدەر تەسرى بار (تاراتقۇ ۋە جامائەت بىلىدىغان ،ھۇرمەت قىلىدىغان) 3-مىللەت خىزمىتى قىلىششنى نىزامنامىسغا كىرگۇزگەن تەشكىلاتلارنى خەلقىمىزنىڭ دىققىتىگە سۇنىمىز.
تەرتىۋى قۇرۇلغان ۋاقتىغا ئاساسەن رەتلەندى.پىكىر بىرشڭلارنى قارشى ئالىمىز!
1-تۈركىيەدە «شەرقى تۈركستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» قۇرۇلدى.
2018-يىلى16-يانۋار كۈنى كەچتە ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان سەككىز ئۇيغۇر تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ۋەكىللىرى شۇنداقلا بىر قىسىم زىيالىيلار ۋە ئۆلىمالارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن مەسلىھەت كېڭەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ يىغىندا ئېلىنغان قارارغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى،، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، ئۇيغۇر ئىلىم -مەرىپەت ۋەخپى قاتارلىق سەككىز جەمئىيەت ۋە ۋەخپىلەردىن بىردىن كىشى يىغىندا ئېلىنغان بىردەك قارار بىلەن ئىجرائىيە كومىتېتىغا ئەزا بولۇپ بېكىتىلدى.
2-تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى قۇرۇلدى!
ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر زىيالىيسى بىر يەرگە جەم بولۇپ، تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى قۇرغان. مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ تور بېتىدە قۇرۇلۇش مەقسىتى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئاڭ-سەۋىيەلىك، ئىمانلىق ۋە ئادالەت تۇيغۇسى كۈچلۈك ئۇيغۇر جەمئىيىتى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلغان ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى 2018-يىلى 1-ئاپرېل كۈنى قۇرۇلدى. ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى شەرقىي تۈركىستان ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئالاقىسى بولغان باشقا مىللەت ۋە ئېتنىك خەلقلەرنىڭ دىنىنى، تىلىنى، مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادىتىنى، شۇنداقلا سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا تەتقىق قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ».
خەۋەر مەنبەسى :ئەركىن ئاسيا رادىئوسى
تور بەت ئادرىسى:
www.uysi.org/ug
3-شەرقى تۈركستان يېڭى نەسل ھەرىكىتى تەشكىلاتى قۇرۇلدى!
2018 – يىلى 3 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئابدۇسالام ئابدۇلھەكىم تەكلىماكان باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم،ئۇيغۇر ياشلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، ياشلارنى تەربىيلەش ۋە ھەرىكەتلەندۇرۇش ئارقىلىق تۈركىيە ۋە خەلقارادا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا بىر كىشلىك ھەسسە قوشۇشنى نشان قىلىدۇ.
4-دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار جەمئىيتى قۇرۇلدى!
2018 – يىلى 15 – ئاپرېلدا تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلدى. بۇ ئۇيۇشما ئاكتىپ ھەرىكەتلەرنى قىلىۋاتىدۇ. ئۇيۇشما قارمىقىدىكى «ۋەتىنىم» تورى مۇھاجىرەتتىكى ئاساسلىق ئەدەبىيات ۋە ئىجتىمائىي پەن تورى بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھازىرغىچە بولغان 7 ئايدا ئۇيغۇرچە ئۈچ پارچە كىتاب نەشىر قىلىپ تارقاتتى.
تور بېكىتى:www.wetinim.com
5-شەرقىي تۈركسىتان نۇزۇگۇم ئائىلە ۋە كۈلتۈر جەمئىيىتى قۇرۇلدى.
ئىيۇن فاتىھ مىھرىما سۇلتان مەرىكە زالىدا شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى يىتەكچىلىرى، سۇتۇق بۇغراخان ۋەخپىنىڭ يىتەكچىلىرى، ھۇدا پارتىيىسنىڭ ئاياللار ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئى ھا ھا ۋەخپى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرى شۇنداقلا كۆپ ساندا مېھمانلار قاتناشتى.
مۇراسىمدا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكنىڭ رەئىسى ھىدايتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم ئائىلە ۋە كۈلتۈر جەمئىيىتىنىڭ رەئسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن يىڭى ئەۋلادلارنى يىتىشتۈرۈپ چىقىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ھەمدە ئاياللار جەمئيىتىنىڭ يېقىندىن بىرى قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلەپ ئۆتتى.
6-شەرقى تۈركستان مىللى ئويغىنىش ھەرىكىتى
2018-يىلى 7-ئايدا ئامېرىكا پايتەختى ۋاشنگىتوندا،سالىھ خۇدايار باشچىلىقىدا ياشلاردىن تەشكىل تاپقان «شەرقى تۈركستان مىللى ئويغىنىش ھەرىكىتى»تەشكىلاتى قۇرۇلدى.نامايىش ئارقىلىق مۇستەقىللىققا چاقىرىق قىلىش ئاساسى ھەرىكەت نشانى بولۇپ كەلمەكتە.
تور بېكەت ئادېرسى:
7-ئۇيغۇر ياردەم تەشكىلاتى
فىنلاندىيەدىكى خالمۇرات ئۇيغۇرنىڭ باشچىلىقىدا 2018-يىلى 7-ئايدا فىنلاندىيەدە ئۇيغۇر ياردەم تەشكىلاتى قۇرۇلدى.ئۇيغۇرلارغا ياردەم بىرىش،ئۇيغۇر ئاۋازىنى خەلقئارا يەتكۇزۇش،ئۇيغۇرلارنى ھەرىكەتكە يتەكلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئشلەيدۇ،گۇۋاھلىق ئسپات يېغىش خىزمىتىىنى ياخشى ئشلەپ كەلمەكتە.
تور بېكىتى:www.uyghurair.org
8-ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۇمەنى قۇرۇلدى!
2018-يىلى 27-ئىيۇل ئامېرىكا پايتەختى ۋاشنگىتوندىكى جورجى ۋاشنگىتون ئۇنۋېرستىتىدا ،دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى زىيالىيلاردىن تەشكىللەنگەن «ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۇمەنى »قۇرۇلدى.ۋەكىل دوكتۇر مەمتىمىن ئەلا بولۇپ،قۇرۇلمىسى باراۋەرلىك ئاساسىدا،بىرلىك ،مەرىپەت ۋە ئۇمىدتىن ئىبارەت ئۇچ يتەكچى ئىدىيسى ئاساسدا مىللەت ۋە ۋەتەننىڭ تەقدىرىگە كۆڭۇل بۆلىدىغان ئىلمى ،مەدەنى ،سياسى پائالىيەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇش پىلانلاندى.2018-يىلى ئۇچ قېتىم مۇۋاپپەقىيەتلىك مۇھاكىمە ،ئاخبارات ئىلان قىلىش يېغىنى ئاچتى.
9-شەرقى تۈركستان مىللى مەجلىسى قۇرۇلدى.
2018-يىلى 28-سىنتەبىردە پارىژدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللەرنىڭ باش قوشۇشىدا «شەرقى تۈركستان مىللى مەجلىسى»قۇرۇلدى.
تۈركىيەدىن سياسى تەشكىلاتچى سىيت تومتۇرك ئەپەندىم رەئىس بولۇپ سايلاندى ،باش شتابى پارىژدا.
10-شەرقى تۈركستان مىللى مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ؛
2018-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۇنى پارىژدا قۇرۇلدى.يەتتە كىشلىك رەئىس كابىنتى تەشكىللەندى.29 كىشلىك ھەيئەت كومىتىتى تەسس قىلىندى،دوكتۇر تۇرمۇھەممەد ھاشىم رەئىس بولۇپ سايلاندى،باش شتابى ياپونىيە توكيو شەھىرىدە.
11-كانادا شەرقى تۈركستان جەمئىيتى قۇرۇلدى.14-ئۆكتەبىر
كانادا دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەردىن بىرى شۇنداقلا ئۇيغۇرلار داۋاملىق كۆپىيىۋاتقان بىر دۆلەت. نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر دەۋاسىنى يەنىمۇ كۈچلۈك ئاڭلىتىشقا بولغان تەقەززا، كانادادىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە كانادادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورتاق قوللايدىغان بىر تەشكىلاتىنى قۇرۇپ چىقىپ، بىر نىشان، بىر مەقسەت ئاستىغا ئۇيۇشۇشىغا تۈرتكە بولماقتا. ئەنە شۇ نىشان بىلەن 2018-يىلى 14-ئۆكتەبىر كۈنى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.
مۇراسىمدا يەنە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، تورونتو، ۋانكوۋېر، مونتېرىيال، ئالبېرتا، كالگارى قاتارلىق 5 شەھەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بارغان سايلىمى نەتىجىسىدە 184 ئاۋاز بىلەن 15 يىل بۇرۇن كاناداغا يەرلەشكەن ئۇيغۇر شائىرى، ئاكتىپ سىياسىي پائالىيەتچى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى مەزكۇر تەشكىلات رەئىسلىكىگە سايلانغان. ئۇ مۇراسىمدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى سۆيۈپ تۇرۇپ، ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان.
خەۋەر مەنبەسى:ئەركىن ئاسيا رادىئوسى
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/kanada-jemiyet-10172018144017.html?
12-ھىندى -تىچ ئوكيان ئېتتپاقى قۇرۇلدى.
25-ئۆكتەبىر كۈنى ياپونىيە پارلامېنتىدا «ھۆر ھىندى-تىنچ ئوكيان بىرلىكى»نامىدا بىر تەشكىلات قۇرۇلغان بولۇپ،مەزكۇر تەشكىلات ئۇيغۇر، تىبەت، جەنۇبى موڭغۇلىيە، تەيۋەن، خوڭكوڭ، ياپونىيە، ھىندىستان ۋە ۋىيېتنام قاتارلىق 8 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ بىر ئارىغا كېلىشى بىلەن قۇرۇلغان . يىغىندا ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتى رەھبەرلىرىدىن رابىيە قادىر خانىم «ھۆر ھىندى-تىنچ ئوكيان بىرلىكى» نىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. ياپونىيەلىك ھىتتوشى ئىشىئى، تىبەتلىك تاشى سېرىڭ ئەپەندىلەر مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلانغان ئىكەن.
خەۋەر مەنبەسى:ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقى
http://iuyghur.com/?p=8093
13-ئۇيغۇر ئاكادېمىسي ئامېرىكا ۋە ياۋروپا تارماقلىرى قۇرۇلدى.
ئۇيغۇر ئاكادىميسى بۇ يىلنىڭ ئىيۇندا ئامېرىكىدا جورجى ۋاشنگىتون ئۇنېۋرستىتىدا مۇھاكىمە يېغىنى ئىچىش بىلەن بىرگە،
ئۇيغۇر ئاكادىېمىيسى ئامېرىكا شۆبىسنى قۇرغانىدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادىمىيسى ئەزالىرى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بۇ يىل ئامېرىكا ۋە ياروپا تارمىقىنى قۇردى.
ميۇنخېندىكى تۈركىيە دىيانەت ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ياۋروپا تارمىقىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئاكادېمىيەنىڭ ياۋروپا تارمىقىدا ھەيئەت بولۇپ ۋەزىپە ئالماقچى بولغان ئاكادېمىيە ئەزالىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان يوشۇرۇن ئاۋازلىق سايلامدا، شۋېتسارىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت كۆپچىلىكنىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ياۋروپا تارمىقىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. مەزكۇر سايلامدا سايلانغان رەئىس دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت نىزامنامىگە ئاساسەن، نەق مەيداندا ئۆزى بىلەن بىرگە 18 كىشىلىك قۇرغۇچى دائىمىي ھەيئەتنى تاللاپ ۋەزىپىگە تەيىنلىدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ياۋروپا تارمىقىنىڭ قۇرۇلۇشى مۇراسىمىغا د ئۇ ق ساھىبخانىلىقىدا ئېچىلغان «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن 23 دۆلەتتىن كەلگەن 250 ئەتراپىدا ۋەكىل ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشتى.
تور بېكىتىakademiye.org