ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنى: شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا چاقىرىق

شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىپ بارماقتا. 2017-يىلىدىن ئېتىۋارەن نەچچە مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈرك تىللىق شەرقىي تۈركىستانلىقلار خىتتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا مەھكۇم قىلىندى.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىپ بارماقتا. 2017-يىلىدىن ئېتىۋارەن نەچچە  مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈرك تىللىق شەرقىي تۈركىستانلىقلار خىتتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا مەھكۇم قىلىندى. ئىشەنچلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا، لاگېرلاردىكى بىگۇناھ ئۇيغۇرلار مېڭە يۇيۇش، قىيىن-قىستاققا ئېلىنىش، باسقۇنچىلىق قىلىنىش، ئۆلتۈرۈلۈش، تىببىي تەجرىبە-سىناققا ئېلىنىش ۋە ئىچكى ئەزالارنى ئېلىۋېلىشتەك قەبىھ جازالارغا ئۇچراۋاتىدۇ. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈۋاتقان بۇ ۋەھشى جىنايىتى ھېلىھەم تېز سۈرئەتتە داۋاملىشىۋاتىدۇ. دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان تەنقىدى ۋە ئەيىبلىشى ئالدىدا، ئىلگىرى بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان ۋە كېيىن ئۇلارنى «كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاتىۋالغان فاشىست خىتاي ھاكىمىيىتى ھازىر ئۇلارنى قانۇنلاشتۇرۇپ، كۆز بويامچىلىق بىلەن «ئارامگاھ لاگېرلار» دەپ تەرىپلەۋاتىدۇ.

بىز ئۇيغۇرلار ھازىر تارىخىمىزدىكى ئەڭ قاراڭغۇ ۋاقىتنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. بىزنىڭ بىر مىللەت سۈپىتىدىكى مەۋجۇتلۇقىمىز كۆرۈلۈپ باقمىغان تەھدىدكە  ئۇچراۋاتىدۇ. ئەگەر دۇنيا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھازىرقى قىرغىنچىلىققا داۋاملىق سۈكۈت قىلسا ۋە بىز بۇنى توسۇشقا قارىتا ھېچقانداق كونكرېت ھەرىكەت قوللانمىساق، ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىدە مىللەت سۈپىتىدە ئامان قېلىشى ئىمكانسىزلىشىدۇ.

تارىخىمىزدىكى مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئامان قېلىشى مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ۋە ئىنسانپەرۋەر دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ چوقۇم ۋە مۇتلەق رەۋىشتە ئەڭ تەخىرسىز نىشانى ۋە ھەرىكەت پىلانىغا ئايلىنىشى كېرەك. ئۇيغۇرلار ئامان قالالمىسا، ئۇلارنىڭ ۋەتەننىڭ ئىچى-سىرتىدىكى مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق شەكىلدىكى نىشانلىرى ئەھمىيەتسىز نەرسىگە ئايلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، ھازىر مەۋجۇتلۇقىنى ۋە ئامانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ھەممىدىن مۇھىمدۇر. ئەگەر ئۇيغۇرلار ئالدى بىلەن مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولالمىسا، شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى تىرىلدۈرۈش ھەققىدىكى ھەرقانداق ئارزۇيىمىز، تىرىشچانلىقلىرىمىز كۆپۈككە ئايلىنىدۇ.

بىزنىڭ بىرلىك-ئىتتىپاقلىققا تارىخنىڭ ھەرقانداق ۋاقتىدىكىدىنمۇ بەكرەك ئېھتىياجىمىز بولۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر شارائىتتا، مۇھاجىرەتتىكىلەر ئارىسىدا ھوقۇق تالىشىش، «مۇستەقىللىق» بىلەن «ئاپتونومىيە» دىن بىرىنى تاللاش ۋە يا «شەرقىي تۈركستان» بىلەن «شىنجاڭ» نامىدىن قايسىسىنى ئىشلىتىشكە ئوخشاش ئىنتايىن ئەھمىيەتسىز مۇنازىرىلەر ۋە توقۇنۇشلار ئارىمىزغا قايمۇقۇش ۋە بۆلۈنۈش ئېلىپ كېلىشتىن باشقىغا يارىمايۋاتىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئارىمىزدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى چالغىتىدىغان، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇق كرىزىسىگە سەل قارايدىغان ۋە ئۇنىڭ ۋەزنىنى كەمسۇندۇرىدىغان  قاراشلىرى ۋە قىلمىشلىرى جازا لاگېرلىرىدا ئۆلۈمگە ئىتتىرىلگەن  مىليونلىغان ئۇيغۇرلارغا  قىلىنغان ۋە قىلىنغۇسى ئەڭ زور ئاسىيلىقتۇر.

خەلقىمىزنىڭ ئەڭ مۇقەددەس مەنپەئەتلىرىنى—يەنى نورمال ۋە مەدەنىي ئىنسانلاردەك ياشاش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئىززەت ھوقۇقلىرىنى ھەم نومۇسىنى—قوغداش ئۈچۈن، بىز زىيالىيلار دىققىتىمىزنى چېچىپ، ئۇيۇشقاقلىقىمىزغا ۋە كوللېكتىپ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئىرادىمىزگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ۋە بىزنىڭ مىللىي مەسىلىمىزگە زىيان سالىدىغان ھەرقانداق شەكىلدىكى  سۆز ۋە ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز. بىزگە كۆرە، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ۋە ئۇلارنىڭ ياشاش ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ھەرقانداق بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ  نۆۋەتتىكى ئەڭ ئاساسلىق ۋە ئەڭ مۇھىم مىللىي نىشانىغا ئايلىنىشى كېرەك. بىز باشقا نىشانلارنىڭ بۇ ئاساسلىق نىشان بىلەن ماسلىشىشىنى ۋە ئۇنىڭغا بېقىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇنداقلا ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنى مانا مۇشۇ نىشانغا ئۆزىنى بېغىشلاشقا پىداكارلىق كۆرسىتىشكە چاقىرىمىز.

ھۆرمەت بىلەن،

ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنى

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

«داۋا ۋە ئىستىراتېگىيە» تېمىلىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىلىدۇ

پە ئۆكتەبىر 25 , 2018
ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىرلىكى ۋە ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى پىروجەكتىنىڭ ساھىپخانىلقىدا «داۋا ۋە ئىستىراتېگىيە» تېمىلىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىلىدۇ.

You May Like