ئاپتورى: كۆلتېگىن
2019– يىلى 8- فېۋرال
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2019-02-08
[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]
ئانارخىزم ئىنگلىزچە « Anarchy» دېگەن سۆزدىن كەلگەن ئاتالغۇ بولۇپ، موقۇمسىزلىق، مەركەزسىزلىك ۋە قالايمىقانچىلىق دېگەندەك مەنىلەرگە ئىگە. بۇ سۆز خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىلمىدىكى رېئالىزىم مېتودىنىڭ ئاچقۇچلۇق ئاتالغۇلىرىدىن بىرى بولۇپ، رېئالىزمچىلارنىڭ قارىشىچە مەۋجۇت دۇنيا سىستېمى دەل ئانارخىزملىق سىستېمىدىن ئىبارەت. بۇ دېگەنلىك، دۇنيادا ھەممىنى مۇتلەق باشقۇرالايدىغان شۇنداقلا ھەممە گېپىنى ئاڭلاپ بۇيسۇنىدىغان سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىقتسادىي كۈچكە ئىگە بىر ئورگان يوق. رېئالىزمىچىلار، تارىختىن بېرى ھەممە ھاكىمىيەت ئىتراپ قىلىدىغان ۋە ھۆكۈملىرىنى قوبۇل قىلىدىغان بىرەر دۆلەت ياكى ئاپارات بولۇپ باقمىغان دەپ قارايدۇ. گەرچە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كىين ئامېرىكا بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتكە ئايلانغان بولسىمۇ، خىتاي ۋە رۇسىيەگە ئوخشاش چوڭ دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ گېپىنى تازا ئاڭلاپ كەتمىدى.خەلقئارالىق ئورگان بولغان ب د ت بولسا ئەسكىرى ۋە ئىقتسادىي كۈچى يوق ئورگان، شۇڭا ب د ت نىڭمۇ زورلاش كۈچى يوق. نەتىجىدە دۇنيا مەركەزسىز، لىدىرسىز ۋە قالايمىقان بىر ھالەتكە كىلىپ قالغان. رېئالىزمچى سىياسىئونلارنىڭ قارشىچە ئانارخىزم دۇنيا ۋەزىيىتىدىكى قالايمىقانچىلىقنىڭ مەنبەسى. ئانارخىزم ئەگەر بىر دۆلەت، بىر مىللەت ۋە توپلۇم ئىچىدە ئۆزىنى كۆرسەتسە، ئۇ دۆلەت ۋە توپلۇم قالايمىقانچىلىققا پېتىپ قالىدۇ ۋە نىشانغا يېتەلمەيدۇ. رېئالىزمچىلار ئانارخىزمنى ئوڭشىغىلى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. مەسلەن ماكئاۋىلى ۋە خوببىس ( Hobbes) قاتارلىقلار شۇنداق دەپ قارىشىدۇ. بۇلارنىڭ پىكىرىگە قارشى ئىدىئالىزمچىلار بولۇپ ئۇلار، ئەگەر ئىنسانلار، بولۇپمۇ سىياسىئونلار ئەخلاقلىق، ساپالىق، ئالىيجاناپ ۋە يىراقنى كۆرەر بولسا مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ئانارخىست ھالەتنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئىدىئالىزمىچىلارنىڭ كۈچلۈك ۋەكىللىرىدىن بىرى 1- دۇنيا ئۇرۇشى ھارپىسىدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋېلسون دەپ قاراشقا بولىدۇ. ب د ت مۇ 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىين خەلقئارالىق زىددىيەتلەرنى ھەل قىلش، يەنى ئانارخىست ھالەتنى يوق قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان.
يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك بىر مىللەت ۋە توپلۇم ئىچىدىكى ئانارشىست ھالەت ئۇ مىللەت ۋە توپلۇمنى پارچىلايدۇ ياكى ئالغا باستۇرمايدۇ. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر توپلۇمىنى بۇ نۇقتىدىن كۆزىتىشكە ۋە تەھىلىل قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
ئەڭ باشتا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا ئانارخىست ۋەزىيەتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلساق خاتالاشقان بولمايمىز. بەش ـ ئون تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇتلۇقى، سىياسىي پروگراممىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى، بىر بىرىگە ئىشىنىشنىڭ كەمچىللىكى ۋە ئەڭ يامان بولغىنى بىر بىرىگە ھۇجۇم قىلىشى بۇنىڭ دەلىلىدۇر . ھازىر تەشكىلاتلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن يەككە پائالىيەتچىلەر مەيدانغا چىقىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى مىللەت ئۈچۈن پايدىلىق ئىش قىلۋاتىدۇ يەنە بەزىلىرى چاپىقىنى ئالىمەن دەپ كۆزىنى قارىغۇ قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا بۇنداق كىشىلەرگە قارشى تەشكىلاتلارمۇ ئۈنۈملۈك چارە-تەدبىر قوللانمايۋاتىدۇ. بۇ يەردىكى چارە-تەدبىر ھەرگىزمۇ يەككە پائالىيەتچىلەرنى يەكلەش ياكى چەكلەش دېگەن مەنىدە ئەمەس، بەلكى قانداق قىلغاندا ئۇلارنى تېخىمۇ توغرا ۋە ئۈنۈملۈك بولغان يولغا باشلاش دېگەندىن ئىبارەتتۇر.
باشتا تەشكىلاتلار ئارا زىددىيەتلەرگە قاراپ باقايلى.
ھازىر ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلاردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شەرقىي تۈركىستان مىللى مەجلىسى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار ئويغىنىش ھەرىكىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى قاتارلىقلارنى ساناپ ئۆتىشىمىز مۇمكىن. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دەردى ۋە نىشانى ئوخشاش شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى بولسىمۇ، بىرىگە ئاپتونومىيەچى يەنە بىرىگە بىرنىمچى دەپ ئىسىم قويۇلماقتا. كۆپىنچە تەشكىلات ۋە تەشكىلات ئەزالىرى ئۆزىنىڭ تەشكىلاتىدىن باشقىلارنىڭ ئەمگەكلىرىگە كۆزىنى يۇمۇۋېلىش خاھىشى ئېغىر بولماقتا. شۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى بولمىش يەككە شەخسلەر باشقا تەشكىلاتقا ناھەق ھۇجۇم قىلسىمۇ بۇنىڭغا تەشكىلات باشلىقلىرى بىر نەرسە دېمەيۋاتىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە تەشكىلات لىدىرىنىڭ ساپاسىز شۇنداقلا يىراقنى كۆرەرلىكتىن مەھرۇم بىرى ئىكەنلىكىنىڭ بەلگىسى. مەسلەن ئۆتكەندە بىر ئايال د ۇ ق نىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن يىغماقچى بولغان بەدەل پۇلىنى بەرمەسلىك ھەققىدە نەق مەيدان تارقىتىشى قىلدى. ھەممىدىن يامان بولغىنى د ۇ ق قا بىرمۇنچە تۆھمەتلەرنى چاپلىدى. بۇ تۆھمەتلەرنىڭ ئىسپاتلىرىنى ئەلۋەتتە دەپ بېرەلمەيدۇ، ئۆزلىرى ئىسپات دەپ باشقا گەپلەرنى قىلىشى مۇمكىن، لېكىن قايىل قىلارلىق ئەمەس. ( دىققەت، بۇ يازمىنى يازغۇچى ھېچقانداق تەشكلاتنىڭ ئەزاسى ئەمەس). بىر تەشكىلاتنىڭ بەدەل پۇلى يىغىشى نورمال ئەھۋال، تىبەتلەردە بۇ ئىش بار. ئوخشاش شەكىلدە سالىھ خۇدايارنىڭ ئاقساراي ئالدىدا ئېلىپ بارغان ئۇزۇن نامايىشىنى بىراۋلار چۈشۈرۈشتى، سالىھنى «كىچىك بالا، ئىش ئۇقمايدۇ » دەپ يەكلىدى. لېكىن سالىھ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ۋە ئۆزگىچە نامايىش ئېلىپ باردى. ئۇنىڭدىن كىين سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئەنقەرەدە نامايىش ئېلىپ باردى ۋە ئۇنىڭدىن كىين دوغۇ پەرىنچەكنىڭ پارتىيە بىناسى ۋە خىتاي كونسۇلىغا يۈرۈش قىلدى. يولدا ئۇيغۇر نامايىشچىلار بىلەن ساقچى ئارىسىدا توقۇنۇش بولدى. بۇ ئىشقا قارىتا دەرھال تۆت تەشكىلات بايانات ئېلان قىلىپ سېيىت تۈمتۈرۈكنى ئەيىپلەشتى. بۇلار نامايىشتا بۇنچىلىك ئىشنىڭ يۈز بىرىشىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى، سېيىت تۈمتۈرۇكنىڭ ئاكتىپ بىر شەكىلدە ۋەتەن داۋاسىنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆزدىن ساقىت قىلشتى. چۈنكى ئۇلار باشقا بىر تەشكىلاتنىڭ تەرەپدارلىرى ئىدى. بولمىسا سېيىت تۈمتۈرۈك بىر لىدىر بولۇش سالاھىيىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئەڭ كۆپ يېرىگە بېرىپ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ئاڭلاتقان كىشى ئىدى. بۇ خىل ئوچۇق ئاشكارا بىرىنى رەقىب ئېلان قىلىپ ئۇلارنى سازايى قىلىش ياكى چەتكە قېقىپ تۆھپىسىنى كۆرمەسكە سېلىش، ئارتۇقچىلىقىنى ئەمەس كەمچىلىكىنى سۆزلەش نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرىدۇ، زىددىيەت ئىچكى تەرەپكە بۇرۇلىدۇ، نەتىجىدە نىشاندىن ئۇزاقلىشدۇ. مانا بۇ ۋەزىيەتتىن دۈشمەن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىدۇ. ئەگەر بۇلارنى كۆرۈپ يېتەلمەي مەسىلىلەرگە يەنىلا شەخسىي زىددىيەت ۋە تەشكىلات زىددىيتى نۇقتىسىدىن قارايدىغان كىشىلەر ھەرقانداق بىر تەشكىلاتقا باش بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەس. چۈنكى لىدىر دېگەن نىشانى ئېنىق، كەڭ قورساق، بىلىملىك ۋە يىراقنى كۆرەر بولىشى كېرەك. مەسىلىنىڭ ئېچىنىشلىق تەرىپى بولسا، شۇنداق كۆپ ئىللەتلىرى بولغان لىدىرلار ئۆزىنى ئاشۇنداق بىلىملىك، يىراقنى كۆرەر دەپ قارايدۇ. مانا بۇ ئۆزىنى بىلمەسلىك دەپ ئاتىلىدۇ.
ئەمدى يەككە پائالىيەتچىلەرگە قاراپ باقايلى.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى يەككە پائالىيەتچىلەر ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى مەلۇم تەشكىلاتقا تەۋە ۋە شۇ تەشكىلاتقا ۋاكالىتەن ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان شەخسلەردۇر. يەنە بىر خىلى ھېچقانداق تەشكىلاتقا تەۋە بولمىغان ياكى تەشكىلاتلارنى ئىزدەپ بارمىغان ۋە ياكى تەشكىلاتلار يېنىغا تارتمىغان پائالىيەتچىلەردۇر.
بەزى يەككە پائالىيەتچىلەرنىڭ ھەرىكىتى ئاجايىپ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ئاكتىپ، ئەقىللىق، مىللەتسۆيەر، يىراقنى كۆرەر ۋە ساپالىق ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەسلەن ، خالمۇرات ئۇيغۇر، ئابدۇرېھىم غېنى، قۇززات ئالتاي، ئىنتىزار ۋە ئەرشىدىن ئەركىن لەرنى بۇ كاتوگىرىيەگە قويۇشقا بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا ياخشى نىيەت بىلەن زىيانلىق ئىش قىلۋاتقان پائالىيەتچىلىرىمىزمۇ بار ئەلۋەتتە. بۇلار ئۆزلىرى نېمىنى ئويلىغان بولسا شۇنى توغرا دەپ قارايدۇ. بۇلارنىڭ بەزىلىرى مىللەتچى، بەزىلىرى ئۈممەتچى، يەنە بەزىلىرى تۈركچى. يۇقارقى ئۈچ ئىدولوگىيەنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ توغرا ئىدولوگىيسى بولۇپ، بۈگۈننىڭ تار مىللەتچىلىك نەزەرىيىسىگە سالغاندا بىز ئۇيغۇر مىللىتى، كونا يىلتىزىمىزنى ۋە ئەسلىمىزنى سۈرۈشتۈرسەك تۈرك، دىنىي ئېتىقادىمىز نۇقتسىدىن قارىغاندا ئۇيغۇرلار ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىر پارچىسى. ئاكادېمىك نوقتىنەزەردىن قارىغاندا مۇشۇ ئۈچ ئىدولوگىيە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئۈچ تۈۋرۈكىدۇر. لېكىن شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەن يەككە پائالىيەتچىلەر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ بولالىشى ۋە قوبۇل قىلالىشى سەل قىيىن. چۈنكى شەخسىنىڭ ئىمكانىيىتى چەكلىك بولىدۇ. ئۆزىنى مۇشۇ ئۈچ خىل ئىدولوگىيەنىڭ خالىغان بىرى بىلەن قوراللاندۇرغان بىر قىسىم پائالىيەتچىلەر بىرىنى دىنچى ئارقىدا قالغان، يەنە بىرىنى مىللەتچى دىنسىز دىيىشىپ ئىجتىمائىي ئالاقە ساھەسىنى قالايمىقان قىلماقتا. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ بۇنداق قىلغىنى نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھىن ئىسراپچىلىقى بولۇپ، ئارىلىقتا پايدا ئالغان يەنىلا دۈشمەندۇر. قىممەتلىك ۋاقىت ۋە زېھنىنى بۇ خىل زۆرۈرىيەتسىز تالاش تارتىشلارغا ئاتىۋەتكەندىنمۇ ئارتۇق مەسئۇلىيەتسىزلىك بولماس. بۇلارنىڭ يەنە بىرلىرىنى ئاپتونۇمىيەچى دەيدىغانلىرى ۋە جىھاتچىلىرى بار. بۇلار تالاش تارتىشلارنىڭ دەستىدىن پۈتۈن زېھنىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ بىر -بىرىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ كويىدا. ۋەتەن ۋە خەلق بار يوقنىڭ ئارىسىدا قىلۋاتقىنىنىمۇ ئۇنتۇپ كېتىدۇ ياكى ئۇنۇتمىسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەرزىمەس نەرسىلەرنى تالىشىۋاتقانلىقىنى بىلىشمەيدۇ. بۇ قۇرۇق تالاش ـ تارتىشنىڭ ئورنىغا ۋەتەن ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلاي دېگەننى كاللىسىغا كەلتۈرەلمەيدۇ. تەبئي، بۇ ئۇلارنىڭ نىيىتىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ بەلكى بىلىمسىزلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مەسلەن ئامېرىكىدىكى بىرىنىڭ ھە دېسىلا بىردەم دىننى، بىردەم تۈركىيەنى چىشلەپ تارتىشى، تۈركىيەدىكى بىرىنىڭ قوپۇپ ھە دېسىلا غەرب دېگەن جوھوتلاردىن ئۈمىد كۈتمەي جىم ئولتۇرۇپ كىچە ـ كۈندۈز دۇئا قىلىپ ئاللاھقا يالۋۇرايلى دەپ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە بۇلارنىڭ تورلاردا بىر مۇنچە دە تالاش ۋە كۆڭۈل ئاغرىقلارغا سەۋەب بولىشى ئاچچىق بىر رېئاللىق بولۇپ قالماقتا. بۇلار پىكىر قىلىشتا بەك رادىكال بولۇپ، بىر بىرىنى قەتئىيلا ئىتراپ قىلمايدۇ. ھەتتا بەزىلىرى خالىغان ۋاقتىدا فەيسبۇكنى ئېچپ نەق مەيدان تارقىتىپ بىراۋلاردىن قاقشاپ كېتىدۇ. ئەڭ ئاددىيسى دۇنيادا شەخسنىڭ ئىززەت -ھۆرمىتىگە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بىرىدىغان دۆلەتتە ياشاپ تۇرغان بىراۋلارمۇ ئېغىزىنى ئاچسىلا يەنە بىر شەخسنىڭ ئىززەت -ھۆرمىتىگە تاجاۋۇز قىلىدىغان گەپلەرنى قىلىدۇ. بۇنى ئۆزىچە مىللەتنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن قىلدىم دەيدۇ. لېكىن قىلغانلىرىنىڭ ئىچكى ماجرالارغا سەۋەپ بولۇپ مىللەتنىڭ داۋاسىغا زىيان سالىدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتەلمەيدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋەتەندە يىزىلاردىكى تۇل خوتۇنلارنىڭ غەيۋەت ـ شىكايەت قىلىشىنىڭ زامانىۋىلاشقان شەكلىلا خالاس، ئارىسىغا مىللەت، ۋەتەن دېگەندەك سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ قويغانلىق بىلەن مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بولۇپ قالمايدۇ.
يەنە بىرقىسىم تور يازغۇچىسى يەككە پائالىيەتچىلەر بولۇپ بۇلار ئۆزى بىلمەيدىغان ساھەلەرگە كىرىۋالىدۇ. سىياسەتنى «خەلقئارا، مەنپەت، دۇنيا سىياسىتى، ستراتېگىيە، تىنچ ئوكيان ….» دېگەندەك ئاتالغۇلارنى ئارىسىغا قىستۇرۇپ ئۆزىنىڭ ھېس قىلىۋالغانلىرىنى سۆزلەش دەپ بىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر تال كىتاب كۆرمەي،ھېچقانداق بىر يەردە ئالىي مائارىپ تەربىيىسى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇزۇن – ئۇزۇن يازمىلارنى يېزىپ كېتىدۇ. باشقىلار مەنبەسىنى سورىسا دوق قىلىدۇ ياكى دەپ بەرمەيدۇ، چۈنكى ئۆزى توقۇپ چىققان گەپلەر بولغانلىقى ئۈچۈن. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇلارنىڭ قۇرۇق گەپلىرىنى ئىلمىي تەھلىل دەپ قارىۋالىدۇ ۋە شۇنىڭغا قارىتا ئىش قىلىشقا باشلايدۇ. بۇنداق ئاساسسىز ھاياجان بىلەن تولغان، نەسىھەت ۋە «ستراتېگىيە »خاراكتىرلىك يازمىلار خەلققە تولىمۇ زىيان سالىدۇ. بىرىنىڭ ئاتكاچىلىق قىلىپ «غەرب دېگەن مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنى، ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن باشقا يەرگە بارماسلىق كېرەك» ياكى دېگەن مەزمۇندا ئۇزۇن، كۆرگىنى بىلەن كاللىسىدا ئويلىۋالغانلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر ماقالە يېزىپ ئېلان قىلغىنىنى ئويلايلى. نۇرغۇن خەلق مۇشۇ بويىچە ئىش كۆرۈپ ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قېلىشى مۇمكىن….
يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ كەلسەك مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا باشباشتاقلىق، مەركەزسىزلىك ۋە كۈچسىزلىكتىن ئىبارەت بىر ۋەزىيەت شەكللىندۇ. مانا بۇ ئانارخىزمدۇر. ئانارخىزم بىر توپلۇم ئۈچۈن يۇشۇرۇن بومبىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنى تۈزەش شۇ توپلۇمنىڭ لىدىرلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر. ئانارخىست ۋەزىيەتنىڭ شەكللىنىشىگە سەۋەب بولغان پۈتۈن ئامىللارنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇنىڭ چارىسىنى قىلش كېرەك. مەسلەن يەككە پائالىيەتچىلەرنى يېنىغا تارتىپ قالايمىقانچلىق چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ۋەتەن دەپ پۈتۈنى بىلەن ئاتلانغان لېكىن يولباشچىسىز ياكى قۇماندانسىز قالغان پارتىزانلارنى يىغىپ كۈچلۈك ئارمىيە تەشكىللىشى كېرەك. تەشكىلاتلار ئارا مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، شەخسىي جېدەل ماجىرالارنى سىياسەتكە سۆرەپ كىرىشنى توختىتىشى كېرەك. مەسىلىگە شەخسنىڭ كىشىلىكى نۇقتىسىدىن باھا بىرىش ئادىتىنى تاشلاپ، قىلغان ئىشى ۋە ھەرىكىتىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. بۇلارنى قىلىش ئۈچۈن بىلم ۋە ساپا كېرەك. ئەگەر بۇلار لىدىرلىرىمزدا بولمىسا بۇ پەقەت مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بەخىتسىزلىكى بولۇپ ھېسابلىندۇ.
مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.