رويتېرس: 15 غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتلىرى چېن چۈەنگو بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدى

كانادا باشچىلىقىدا بېيجىڭدىكى 15 غەرب دۆلىتىنىڭ ئەلچىلىرىدىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىنىشىغا ئالاقىدار ئېنىقلىما ئېلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ مۇقىمسىز ،كۆپ مۇسۇلمان ئولتۇراقلاشقان شىنجاڭ رايونىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدى

2018-يىل 15- نۇيابىر

رۇيتېرس ئاگېنتلىقى 

 تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

تەھىرىر: كۆلتېگىن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

     

كانادا باشچىلىقىدا بېيجىڭدىكى 15 غەرب دۆلىتىنىڭ ئەلچىلىرىدىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىنىشىغا ئالاقىدار ئېنىقلىما ئېلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ مۇقىمسىز ،كۆپ مۇسۇلمان ئولتۇراقلاشقان شىنجاڭ رايونىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدى. رويتېرس ئاگېنتلىقى كۆرگەن بىر كۆپەيتىلمە نۇسخىسىغا كۆرە، ئەلچىلەر ئۆز تەلەپلىرىنى شىنجاڭدىكى كوممۇنىست پارتىيە باشلىقى چېن چۈەنگوغا مەكتۇپ شەكلىدە بىلدۈرگەن. بۇ ھەرىكەت بىر گۇرۇپ دۆلەتلەر تەرىپىدىن خىتايدىكى ئىنسان ھوقۇقلىرى مەسىلىسى بۇيىچە كەڭ كۆلەملىك ۋە ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىلغان، ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا، بېيجىڭنىڭ شىنجاڭ رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىغا قارىتا كۈچلۈك قارشىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بېيجىڭ پائالىيەتچىلەر، ئادېمىكلەر، چەتئەل دۆلەتلىرى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇر ۋە باشقا شىنجاڭدا ياشايدىغان مۇسۇلمان مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە قاماپ قۇيۇش ۋە قاتتىق نازارەت قىلىشقا بولغان كۈچلۈك نارازىلىقلارغا دۇچ كەلگەن. ئاۋغۇست ئېيىدا ب د ت نىڭ بىر كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى خىتايدا بىر مىليون ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ «مەخپىي ھالدا كەڭ-كۆلەملىك قاماپ قۇيۇش لاگىرلىرىدا» تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا دائىر كۆپلىگەن ئىشەنچىلىك دوكلاتلار ئالغانلىقىنى سۆزلىدى. خىتاي،خالىغانچە قاماپ قۇيۇش ۋە سىياسىي قايتا تەربىيىلەش ئېلىپ بارمىغانلىقىنى، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسەتلىرىنى زورايتىش ئۈچۈن كىچىك جىنايەت سادىرقىلغان بىر قىسىم پۇقرالارنى كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. بېيجىڭ ئىنسان ھوقۇقلىرى ۋەزىيىتىنى تەنقىد قىلىپ ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق سىياسىتىنى قوللاپ -قۇۋۋەتلەيدۇ. خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دېپلوماتى سەيشەنبە كۈنى دۇنيانىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى «پىتنە-ئېغۋالارغا» پەرۋا قىلماسلىقىنى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتكە ئىشىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. مەكتۇپنىڭ ئاللىبۇرۇن يوللانغانلىقى ياكى مەزمۇنىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. بىر دىپلوماتىيە ئۇچۇرىغا قارىغاندا، مەكتۇپنىڭ تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بۇ سەپكە قېتىلىشى ئۈچۈن يوللانغانلىقى مەلۇم بولدى. مەكتۇپتىن خەۋەردار بولغان بىر قانچە دىپلومات مەكتۇپنىڭ ھەقىقەتەن بار ئىكەنلىكىنى ، بىراق بۇنىڭ سەزگۈرلىكى تۈپەيلى ئارتۇق مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. ھەممە دېپلوماتلار سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىدى. كۆپلىگەن چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى شىنجاڭدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە سۆزقىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلدى. دىپلوماتلارنىڭ تەكىتلىشىچە، دۆلەتلەر، ئىقتىسادىي راۋاجلىنىش ۋە بىر بەلباغ بىر يول كەبى تەشەببۇسلىرى تۈپەيلى كۈنسىرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقان دىپلوماتىيە قاتناشقۇچىسى بولغان خىتاينى غەزەپلەندۈرۈشتىن قورقۇشماقتا ئىكەن. رايوندىكى ئۇيغۇر رەئىس شۆھرەت زاكىردىن ئەمىلى يۇقىرى بولغان چېن چۈەنگوغا بىۋاستە يېزىلغان مەكتۇپتا، ئەلچىلەر ب د ت نىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى بايقاشلىرىدىن ئىنتايىن بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەكتۇپنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىدا»بىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىدىن كەچۈرۋاتقانلىرىدىن ئىنتايىن بىئارام بولدۇق.» دەپ يېزىلغان. «ئەھۋالنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن، بىز ئەڭ تىز زاماندا سىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ ، بۇ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز.» بۇ مەكتۇپ خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ج خ مىنىستىرلىقى ۋە كومپارتىيىنىڭ خەلقئارا بۈلىمى قاتارلىق ئورۇنلارغا ئەۋەتىلگەن. بۇ ھەقتە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىردىن ئىزاھ ئېلىش ئۈچۈن بىۋاستە مۇراجىئەت قىلىش مۇمكىن ئەمەس. شىنجاڭ ھۆكىمىتى، ج خ مىنىستىرلىقى، كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ خەلقئارا بۆلۈمى ۋە پارتىيە باياناتچىسى ئىشخانىسى پىكىرلەرگە قارىتا ئىنكاس بىلدۈرمىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ، بۇ مەكتۇپنى تېخى كۆرمىگەنلىكىنى ۋە ئەلچىلەرنى شىنجاڭغا قارشى ئالىدىغانلىقىنى، لېكىن «ئەگەر ئۇلار شىنجاڭ ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىش نىيىتىدە بارماقچى بولسا، بۇنىڭدا چوقۇم بىر مەسىلە بار» دېدى. خۇا چۈنيىڭ كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا» ئەلچى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ، ئۇلارنىڭ رولى ئالدى بىلەن ئۆز دۆلىتى ۋە ئەلچى بۇلۇپ تۇرۇۋاتقان دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا چۈشىنىش، ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىقنى ئىجابىي رىغبەتلەندۈرۈش بۇلۇپ، ئەكسىچە پىتنە- پاسات تېرىش، ئەلچى بۇلۇپ كەلگەن دۆلەتتىن كۈچسىز تەلەپلەردە بۇلۇش ۋە ئۇ دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئەمەس .» دېدى. ئۇ يەنە » بىز ياخشى نىيەتتە ۋەزىيەتنى چۈشىنىشنى ئىزدىگەنلەرنى قارشى ئالىمىز. شىنجاڭ بىر ئۇچۇق رايون. بىراق، بىرتەرەپلىمە قاراشلارغا ۋە يەرلىك ھۆكىمىتىمىزنى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئۈچۈن يامان نىيەتتە بولغانلارغا ۋە ياكى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىپ يېنىكلىك بىلەن تەنقىد قىلغۇچىلارغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز. » دېدى خىتاي شىنجاڭنىڭ كۆپ سانلىق خىتاي مىللىتىگە قارشى ھۇجۇملار ئۇيۇشتۇرۇش ۋە زىددىيەتلەرنى كۈچەيتكۈچى ئىسلام قۇراللىق ئۇنسۇرلىرى ۋە بۆلگۈنچىلەر تەرىپىدىن جىددىي تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ. مەكتۇپتا كانادا، ئەنگلىيە ، فرانسىيە ،شۋېتسارىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى، گېرمانىيە، گوللاندىيە ۋە ئاۋسترالىيە ئەلچىلىرىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغان. باشقا ئەلچىلىرى تىلغا ئېلىنغان دۆلەتلەر بولسا ئېرلاندىيە، شىۋىتسىيە، بېلگىيە، نورۋېگىيە، ئېستونىيە، فىنلاندىيەۋە دانىيە. مەكتۇپ ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنى بىلەن تۇنۇش بولغان تۆت نەپەر دىپلومات، كانادانىڭ بۇ مەكتۇپنىڭ يېزىلىشىدا باشلامچىلىق رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى. كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، رويتېرسقا يوللىغان باياناتىدا، مەكتۇپ ھەققىدە بىۋاستە توختالمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلار ۋە شىنجاڭدىكى باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ قاماققا ئېلىنىشى ۋە كەڭ-كۆلەملىك نازارەت قىلىنىشىغا ئالاقىدار خەۋەرلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. » (كانادا) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ب د ت يىغىنىدا، ئۇيغۇرلار دۇچ كىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى بىۋاستە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئاڭلاتتى. كانادا، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇچۇق ۋە خۇسۇسىي رەۋىشتە، ئىككى تەرەپ ۋە كۆپ تەرەپ ئۇچرىشىلىرىدا شىنجاڭغا بولغان ئەندىشىلىرىنى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قۇيۇپ كېلىۋاتىدۇ، ۋە بۇنداق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز .» ئەنگلىيە، گېرمانىيە، شىۋىتسىيە، بېلگىيە ، گوللاندىيە، فىنلاندىيە ۋە نورۋېگىيە ئەلچىخانىلىرى مەكتۇپ ھەققىدە ئىزاھ بېرىشنى رەت قىلدى. ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار ۋە سودا مىنىستىرلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەزىيەتتىن ئەندىشىلەنگەنلىكىنى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ بۇ ئەندىشىلەرنى بىر نەچچە قېتىم خىتايغا يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئېرلاندىيە، دانىيە، فرانسىيە ۋە ئېستونىيە ئەلچىخانىلىرى ئىزاھ بېرىش تەلەپلىرىگە جاۋاب بەرمىدى. گەرچە ئامېرىكا بۇ مەكتۇپتا ئۇرۇن ئالمىغان بولسىمۇ، ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا شىنجاڭ مەسىلىسىنى كۈچلۈك قوللۇغۇچىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى مەكتۇپ ھەققىدەسۇرالغان سوئاللارغا جاۋاپ بېرىپ » خىتاي ھۆكىمىتى 2017 -يىلى ئاپرېلدىن بۇيان تەخمىنەن 800مىڭ دەپ قارالغان،بەلكى 2 مىليوندىن ئۇشۇق ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى سىياسىي تەربىيىلەش نامىدا جازا لاگىرلىرىغا قامىغانلىقىدىن چۆچۈپ كەتتۇق.» دېدى. » ئامېرىكا ھۆكىمىتى داۋاملىق ھالدا خىتاينىڭ بۇ تەتۈر سىياسەتلىرىنى توختىشىنى ۋە بارلىق خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنى قۇيۇپ بېرىشىنى چاقىرىق قىلىمىز. بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىش قىلمىشىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىمىز ، شۇ جۈملىدىن شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا قاراتمىلىق ھالدا تەدبىرلەرنى قوللىنىمىز.» ئامېرىكا شىنجاڭدا ئىنسان ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلغان چېن چۈەنگو ، باشقا ئەمەلدارلار ۋە شىركەتلەرنى جازالاشنى ئويلاشماقتا ئىكەن.

مەنبە : https://www.reuters.com/article/us-china-xinjiang-exclusive/exclusive-in-rare-coordinated-move-western-envoys-seek-meeting-on-xinjiang-concerns-idUSKCN1NK0H0

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

تەرجىمە: يىپەك يولى ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ جەسىتى

پە نويابىر 15 , 2018
تارىختىكى يىپەك يولىنى قايتا جانلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش 21-ئەسىردە «بىر بەلبەغ ،بىر يول»شوئارى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلۋاتىدۇ. يىپەك يولىنىڭ تارىخىغا قارايدىغان بولساق بۇ يول تارىختىمۇ ئوخشاش «بەلباغ،يول»نامى بىلەن تۇنۇلغان. بۇ يول قۇرلۇشنىڭ ئۆزئىچىگە ئ‍الغان تۈرلىرى بولسا تاشيول،تۈمۈر يول، يەر ئاستىغا كۆمۈلگەن ھەرخىل ئېنېرگىيىلەرنى ئۇزىتىش لىنىيىلىرى، ئېنتىرنىت ۋە ئېلېكتىر ئىنىگىريسىنى يەتكۈزۈش لىنىيىلىرى قاتارلىق مۇھىم تۈرلەردىن ئىبارەت. مېنىڭ بۇ ماقالەمدە يىپەك يولىنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىدىغان مۇھىم نوقتا بولسا :يىپەك يولى پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىگىچە تۇتىشىدىغان بولۇپ ، پارىس

You May Like