خوڭكوڭ خىتاي تىلى ئۇنىۋېرسىتى ئوقۇغۇچىلىرى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىككى ئ‍ۇيغۇر پروفېسسور ئۈچۈن يىغىلىش ئۆتكۈزدى

2019-يىلى 25-سېنتەبىر، خوڭكوڭ خىتاي تىلى ئۇنىۋېرسىتىدا 200 نەپەر ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى مەكتەپ قورۇسى ئىچىدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىككى ئۇيغۇر پروفېسسورنى مەنىۋى جەھەتتىن قوللاش يۈزىسىدىن يىغىلىش ئۆتكۈزدى.

تەييارلىغۇچى: كۆكئالىپ

2019-يىلى 26-سېنتەبىر

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-يىلى 25-سېنتەبىر، خوڭكوڭ خىتاي تىلى ئۇنىۋېرسىتىدا 200 نەپەر ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى مەكتەپ قورۇسى ئىچىدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىككى ئۇيغۇر پروفېسسورنى مەنىۋى جەھەتتىن قوللاش يۈزىسىدىن يىغىلىش ئۆتكۈزدى. ئۇلار مەكتەپ قورۇسى ئىچىدىكى يەرگە تەخمىنەن 100 پارچە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەڭسىز رەسىمىنى يېيىپ، «خۇدا كومپارتىيەنى يوقاتسۇن، پۈتكۈل پارتىيە قىرىلىپ تۈگىسۇن» دېگەن شوئارنى يېزىپ، خالىغان كىشىنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ دەسسىشى ئۈچۈن تەييارلىغان.

https://www.facebook.com/cuspcusp/photos/pcb.2511926655534730/2511926568868072/?type=3&__tn__=HH-R&eid=ARACls1LZrfcK8u26PGFgDKVKvPvRx2_9gcrtEy61plqHb2M8TmxwVAWcKw1wobwTTdvCKpbtyLZw2jZ

ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بۇ ئىككى پروفېسسور بولسا شىنجاڭ تىببى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مەكتەپ مۇدىرى خالمۇرات غۇپۇر ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مەكتەپ مۇدىرى تاشپولات تېيىپ. بۇ ئىككى پروفېسسورنىڭ تەقدىرىگە ئالاقىدار خەۋەرلەرنىڭ كۆپلەپ تارقىلىشى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتتى. «خەتەر ئاستىدىكى ئالىملار تەشكىلاتى» توردا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا بىرلەشمە ئۇچۇق خەت باشلىتىپ، ئۇنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلىشىشىنى، ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىپ بۇ ئىككەيلەننى شەرتسىز قۇيۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ يىغىلىشقا رابىيە قادىر خانىم تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ۋىدىئولۇق شەكىلدە بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان. رابىيە قادىر خانىم خوڭكوڭلۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىلىشنى ئۆتكۈزگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۆزىنىڭ ھېچقانداق جىنايىتى بولمىغان بۇ ئىككى ئالىمنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خوڭكوڭنىڭ بۇندىن كېيىنكى دېموكراتىيە ھەرىكىتىگە بولغان ئۈمىدى ۋە تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. بۇ پائالىيەتكە يەنە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلىمۇ قاتنىشىپ سۆز قىلغان.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئوبزور:خىتاي بىزگە دۈشمەنمۇ؟

پە سېنتەبىر 26 , 2019
گەپنىڭ راستىنى دېگەندە مەن بۇ سۇئالنى سوراشتىن ئۆزۈممۇ خىجىل بولىمەن، ئەسلى ھەر بىر ئۇيغۇرغا ئىنتايىن ئىنىق بولىشى كېرەك بولغان بۇ مەسىلىنىڭ بىزنى مۇشۇنداق سۇئال سوراشقا مەجبۇر قىلىشى ئىچىنارلىق بىر ئىش.

You May Like