خىتاي باياناتچىسى جۆيلىدى: مانچېستېردىكى ئەلچىخانىمىز «قانۇنسىز» ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئادەملىرىمىز يارىلاندى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 19-ئۆكتەبىر
خىتاي باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بۈگۈن (19-ئۆكتەبىر) مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىشى يىغىنىدا مانچېستېردىكى خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ ئادەم ئۇرۇش ۋەقەسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: « بىر قىسىم توپىلاڭچى ئۇنسۇرلار ماجىرا تېرىپ، قانۇنسىز ھالدا ئەلچىخانىمىزغا باستۇرۇپ كىردى. شۇنداقلا خىتاي تەرەپ ئەلچىخانا خادىملىرىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇردى، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئېغىر دەرىجىدە تەھدىتكە ئۇچرىدى….خىتاينىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە غۇرۇرى تەھدىتكە ئۇچرىماسلىقى كېرەك، بىز ئەنگلىيە تەرەپنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»
ھالبۇكى، 16-ئۆكتەبىر دۇنيا جامائەتچىلىكى ئىجتىمائىي تور ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان قىسقا فىلىملەردىن خىتاي ئەلچىخانىسى ئىچىدىن چىققان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىدا نامايىش قىلىۋاتقان خوڭكوڭلۇقلارنى دۇمبالاپ ئۇرغانلىقىنى، ھەتتا نامايىشچىلارنى كونسۇلخانا دەرۋازىسى ئىچىگە سۆرەپ ئېلىپ كىرىپ ئۇرغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى، خىتاي «دىپلوماتلىرى»نىڭ خەلقئارا قائىدە پرىنسىپلارغا زىت بولغان لۈكچەكلىك قىلمىشى دۇنيانى چۆچۈتتى. بۈگۈنكى خىتاي باياناتچىسىنىڭ ئۇششۇقلۇق بىلەن قىلغان يالغانلىرى خەلقئارا سەھنىدە خىتاينىڭ نەقەدەر نومۇسسىز، يالغانچى ۋە قارا يۈز ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى.