خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پاسپورتلىرى ئايروپورتتا كېسىۋېتىلگەن

خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پاسپورتلىرى ئايروپورتتا كېسىۋېتىلگەن

 خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پاسپورتلىرى ئايروپورتتا كېسىۋېتىلگەن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 11-ماي

ئارمان

خىتايدىكى ئىجتىمائىي تور تاراتقۇلىرىدا تارقالغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، يېقىندىن بۇيان خىتايدىكى بىر قىسىم خەلقئارالىق ئايروپورتلاردا تاموژنا خادىملىرى چەتئەلدىن قايتقان بەزى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پاسپورتلىرىنى مۇسادىرە قىلىۋالغان، ياكى نەق مەيداندا كېسىۋەتكەن.

خىتايچە مىكروبلوگتىكى بىر ئۇچۇردا مۇنداق دەپ يېزىلغان: « جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ دۇبەيدىن كەلگەن CZ3082 نومۇرلۇق ئايروپىلانى بۈگۈن سائەت 9دا گۇاڭجۇ ئايروپورتىغا قونغاندىن كېيىن، تاموژنا خادىملىرى بارلىق خىتاي يولۇچىلاردىن چەتئەلگە چىقىشتىكى مەقسەتلىرىنى تەپسىلىي سورىغان، بەزىلىرىنى 20 مىنۇتتىن ئارتۇق سوراق قىلغاندىن كېيىن پاسپورتلىرىنى مۇسادىرە قىلىۋالغان، يەنە تېخى نەق مەيداندا كېسىۋېتىلگەن پاسپورتلارمۇ بار…»

يەنە بىر خىتاي ئوقۇغۇچى مۇنداق دەپ يازغان: « مەن كاناداغا ئوقۇش ئۈچۈن ماڭغان ئىدىم، ئايروپورتتا يۈك-تاقلىرىمنىمۇ ئۆتكۈزۈپ بولۇپ تاموژنىغا بارغىنىمدا ئۇلارنىڭ قوپال مۇئامىلىسىگە دۇچ كەلدىم. ئۇلار مەندىن چەتئەلگە چىقىشىمدىكى سەۋەبىمنى سورىدى، ئۇلارغا ئوقۇغۇچىلىق ۋىزامنى كۆرسەتتىم، ئاندىن مەندىن توردا ئۆتۈلمەيدىغان دەرسىلەرمۇ بارمۇ دەپ سورىدى، مەن ھازىرچە تىل ئۆگىنىدىغانلىقىمنى، دەرسلەرنىڭ توردا ئۆتۈلىدىغانلىقىنى دېدىم. ئاندىن ئۇلار بىر باشلىقىنى چاقىرىپ بىر نېمىلەرنى دېيىشكەندىن كېيىن ماڭا : دەرسلەر توردا ئۆتۈلىدىغان ئىش بولسا چەتكە چىقىشىڭنىڭ نېمە ھاجىتى دەپ پاسپورتۇمنى كېسىۋەتتى…»

خىتاي تورىدىكى بەزى ئۇچۇرلاردا دېيىلىشىچە ئامېرىكا يېشىل كارتىسىغا ئېرىشىپ بولغان بەزى خىتايلارنىڭ كارتىلىرىمۇ كېسىپ تاشلانغان. 

ئامېرىكىدىكى تۇڭگان زىيالىيسى، سىياسىي ئانالىزچى ئىسمائىل (ماجۈ) بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا بۇ خەۋەرلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى، بۇنداق بولۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. ئەمما ئۇلارغا دەيدىغىنىم شۇكى، خىتاي رېجىمنىڭ ھامان بىر كۈنى بۇنداق قېلىشى مۇقەررەر ئىدى. چۈنكى بىر قانچە يىللار ئىلگىرىلا ئۇلار  ئايروپورتلاردا ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە سوراق قىلاتتى، ھەتتا  پاسپورتلىرىنى كېسىۋېتەتتى، چەتكە چىققان ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ قاماقلارغا سولىغان ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا نۇرغۇنلىغان خىتاي پۇقرالىرى بۇنداق ئىشلارغا پىسەنت قىلمىدى، ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان ناھەق سىياسەتلىرىنى قوللىغان بولدى… كوممۇنىست رېجىمى ھازىر ئۆز پۇقرالىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى بىر قانچە يىللار ئىلگىرىلا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل خەلقلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈپ سىناق قىلىپ بولدى، ئەمدى نۆۋەت خىتايلارنىڭ ئۆزىگە كەلدى…»

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

چا ماي 11 , 2022
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

You May Like