39 ياشلىق سناتور -تىرامپنىڭ مۇئاۋىن پىرەزدىنت نامزاتى بولدى

نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرىۋاتقان 2024-يىللىق پىرەزدىنتلىق سايلىمىدا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتيسى ۋسكانسن شتاتى مىلاۋاكى شەھىرىدە قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈپ، پىرەزدىنت ۋە مۇئاۋىن پىرەزدىنت نامزاتلىرىنى رەسمى ئىلان قىلىدۇ.

18-ئېۇل كەچتە، ئوخايئو شتاتىدىن كەلگەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى -سناتور جى دى ۋانس -تىرامپنىڭ مۇئاۋىن پىرەزدىنتى نامزاتلىقىنى رەسمى قوبۇل قىلدى.

ۋانس كىم؟

ۋانس، ئاق تەنلىك ئەر ، 39 ياش، نامرات ئائىلىدە چوڭ بولغان، يالى ئۇنېۋېرستىتى قانۇن فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان، كىين شركەت قۇرۇپ، ئۇتۇق قازانغان.ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيسدا ئەسكەر بولغان. 2016-يىلى يازغان ئەسلىمىسى ئ‍ۇنىڭ ئەڭ تونۇلۇشقا تۆھپە قوشقان.

كىين سايلامغا قاتنىشپ، تىزلا ئ‍ۇتقان، كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولغىلى تېخى 2 يىل توشمىغان.ئايالى ئۇشا ۋانس -بىر ھىندستان پۇشتىدىن بولغان ئايال بولۇپ، يالى ئۇنۋېرستىتىنى پۈتتۈرگەن، داڭلىق ئادوۋكات.ئۇ نۇتۇق سۆزلەپ،ئىرىنىڭ ئامېرىكىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنى كۈچلۈك ۋە قۇدرەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىشتىن باش تارتمايدىغانلىقىنى بىلدۇردى.

ئۇنىڭ سياسى قاراشلىرى:

ئۇ ئىنتايىن جەزبىدار بولۇپ، نۇتۇق تالانتىغا ئىگە، كونسرۋاتىپ قاراشلارنى ياقىلايدۇ. بالا چۇشۇرۇشنى چەكلەيدۇ، كۆچمەنلىككە قارشى بولۇپ، بايدىن دەۋرىدە چىگرىدىن كىرگەنلەرنى قوغلاپ چىقىرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.نىفىت سودسنى كۈچەيتىشنى تەرغىپ قىلىدۇ، ئۇكرائىناغا ياردەم بەرمەسلىكىنى، روسيەگە ئەمەس، ختايغا تاقابىل تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

كىشلەر تىرامپنى ئۆزىنىڭ سياسى ۋارسنى بارلىققا كەلتۈردى دەپ تەرىپلىمەكتە.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

  ئامېرىكا پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتى كۇتۇپخانىسىدا “ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن كىتابلىرى» بۆلۈمى ئېچىلىدۇ. 

شە ئىيۇل 20 , 2024
ئ‍ەنگىلىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر شائىر ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئەزىز ئ‍ەيسا ئەلكۈن ئەپەندى يىللاردىن بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، سەنئەت، ئەدەبىيات ساھەسىدە ھارماي ئىزلىنىپ كەلگەن بىر زىيالى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئ‍ۆز پائالىيەت دائىرسدە يەنە ئوتتۇرا ئاسيا ۋە تۈركىيە بويلاپ ئىزلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىممەتلىك كىتاپ ۋە ئەسەرلەرنى توپلىغان. ئۇ مۇنداق بىلدۈرگەن: «ئ‍ۇيغۇر مەدەنىيىتى يوقىتىلىۋاتقان ۋە ئۇيغۇر […]
ئىزىز ئ‍سا ئەلكۇن

You May Like