Home مۇھاجرەتئىجتىمائى پائالىيەتلەر ئۇيغۇر پەرزەنىتلىرى رەسساملىق كۇرسى؛

ئۇيغۇر پەرزەنىتلىرى رەسساملىق كۇرسى؛

by uyghurtimesuyghur
merwayit happy

رەسسام مەرۋايىت ھاپىز

تالانت: بايقاش، بايقىلىش، ئۈگۈنۈش ۋە قوللۇنۇش ئارقىلىقلا تەرەققى قىلىدۇ.

يانا بىر گۈزەل دۇنيانى چۈشۈنۈشنى ھالىسىڭىز، تۆۋەندىكى جۈملىلەرگە دىققەت قىلغايسىز.

مەن يىللاردىن بەرى ۋەتەن ئىچى ۋە ۋەتەن سىرتىدا رەسىم كەسپىدىن دەرس ئۆتۈش ئىشلىرىمنى توختاتماي داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم، گەرمانىيەدىمۇ مەندىن دەرس ئالغان گەرمان ۋە باشقا مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى سەنەت ئاكادەمىلىرىدە ئوقۇپ مەكتەپ پۈتتۈرۈپ مۇشۇ كەسسىپتە ئىشلەۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس. ئۆز مىللىتىمىزدىنمۇ تالانت ئىگىلىرىنىڭ مۇشۇ ساھەدە تەربىيە ئەلىپ يەتىلىشىنى ئارزۇ قىلدىم. شۇ ۋەجىدىن ئاتىلىرىمىزنىڭ “زامان ساڭا باقمىسا، سەن زامانغا باق“ دىگىنىدەك، دۇنيانىڭ ئۆزگۈرۈشىگە ئەگىشىپ ئىنتەرنەت ئارقىلىق رەسىم دەرسى ئۆتۈۋاتقىنىمغا تۆت يىل بولدى. بۇ جەرياندا مەندىن دەرس ئالغان ئۆقۇغۇچىلارنى زور دەرىجىدە ئىلگىرلەۋاتقانلىغى ماڭا زور ئۈمۈت ۋە ئىشەنچ بەردى، بۇ ھال ئىنترنتتە دەرس ئۆتۈش قىزغىنلىغىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى، شۇ ۋەجىدىن 5، 6، 7، 8 ياشلىق كىچىك سەبىلەرگىمۇ دەرس ئۆتۈشنى قارار قىلدىم. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قەرىنداشلارغا بۇ مەقسىدىمنى يانا بىر قەتىم بىلدۈرگۈم كەلدى. بۇ كەسسىپگە قىزىقىدىغان پەرزەنتىڭىزلار بولسا، مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشڭ؛

دەرس مەزمۇنلىرى. رەسىم سىزىش ئاساسى بىلىملىرى ئۈگۈتىلىدۇ.

1. ئۈگەڭۈچىنىڭ يەشى 9 – 10ياشتىن يوقۇرى شۇنداقلا 70 ياشقا قەدەر بولىدۇ.

2. دەرس ھەپتىدە بىر قەتىم بىر سائەت ئۆتۈلىدۇ، (بىر سەئەت دەرس 60 مىنۇت) ھەساپلىنىدۇ).

3. بىر گرۇپىدا دەرس ئالىدىغان ئوقۇغۇچىنىڭ سانى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 6 نەپەر ئوقۇغۇچىدىن يوقۇرى بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش پەرقى بويىچە گرۇپىلارغا ئايرىلىدۇ. (ئۈچ ئاي-12 سەت ئەت دەرس ھەققى جەمى 110،-€) بولىدۇ. پەقەت تۈركىيەدىكى قەرىنداشلارغىلا ئەتىۋار قىلىنىپ 90€ بولۇپ بەكىتىلدى. دەرس ھەققى ھەر ئۈچ ئايدا بىر قەتىم ھىساۋات رەسمىيىتى ئۆتۈلىدۇ.

(ئارلىقتا دەرسكە قاتنىشالمىغانلارنىڭ ئوقۇش ھەققى قايتۇرۇلمايدۇ ھەم تولۇقلانمايدۇ).

4-دەرس ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتۈلىدۇ.كەسپى ئاتالغۇلار ئۇيغۇرچە ئۆگېتىلىدۇ.

5-دەرس ئىكران ئارقىلىق نەق مەيداندا سېزىپ كۆرسېتىلىدۇ، ئۆگېتىلىدۇ.

ئالاقىلىشش ئۇچۇرلىرى:

Tel: 004917661412616 / E-mail: hapiz.marwayit@gmail.com

مۇناسۋەتلىك تېمىلار

Leave a Comment