Home ختايختتاي دىپلوماتىيسى سياسەت مۇتەخەسسلىرى: ختاي ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى ئىلىشنى قەتئى قارار قىلماقتا؛

سياسەت مۇتەخەسسلىرى: ختاي ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى ئىلىشنى قەتئى قارار قىلماقتا؛

by uyghurtimesuyghur
خارۋارد

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۇيغۇرچە بۆلۈم تەييارلىدى.

خارۋارد، جورج ۋاشنگىتون، ختاي فۇدەن ۋە بېجىڭ ئۇنېۋىرستىتى قاتارلىق ئاكادىمىك ئورۇنلار بىرلىشپ ئورۇنلاشتۇرغان «ھەمكارلىق ۋە رىقابەت: ختاي ۋە ئامېرىكا » ناملىق چوڭ تېپتىكى مۇھاكىمە يېغىنىدا، بارلىق مۇتەخەسسلەر بىردەك ھالدا ختاينىڭ ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى سياسى -دىپلوماتىك رەھبەرلىكى، تېخنىكا ئەۋەزللىكى ۋە تەرەققىياتى، ئېقتسادى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ، ھەربى كۈچى قاتارلىق جەھەتلەردە ھەقىقەتەن ئامېرىكىنىڭ ئورنىغا چېقىش كەسكىن ئىرادىسى بارلىقىنى تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلار، ختايلارنىڭ ئاشكارا ھۈججەتلىرى، خەلقئارادىكى دىپلوماتىك ھەرىكەتلىرى ئاساسدا ئ‍سپاتلىغان.

بۇنىڭ قانداق قىممىتى بار؟

نۇرغۇن كىشلەر يىللاردىن بىرى ئامېرىكا -ختاي مۇناسۋىتىدە پەقەت« ئامېرىكا ختاينىڭ تەرەققىياتىغا ھەسەت قىلىپ، ئۇنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە يول قويمايدۇ »دەپ كەلمەكتە.ئامېرىكا سياسئونلىرى بولسا، ختاينى چەكلەيدىغان تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقى ئۈچۈن تەنقىد قىلىنماقتا.ئەگەر بتەرەپ ۋە مۆتىدىل ھسابلانغان ئاكادىمىكلار ختاينىڭ ئامېرىكىنى بېسپ چۈشۈش، دۇنيادا دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولۇش ئارزۇسنىڭ ئاشكارا ئىكەنلىكى جەزىملەشتۈرگە بولسا، ئۇ چاغدا ختاينىڭ بۇ ئارزۇغا يېتىش ئۈچۈن تاللايدىغان ۋاستىلىرى مۇھىم نۇقتا بولىدۇ.بۇ ختاينىڭ «بىز پەقەت تىچلىقتا بىللە ياشساق بولدى»دىگەن شۇئارى يەتكۈزىدىغان «باشقىلارغا خىرىس قىلماسلىق» دىگەن ئۇچۇرىنىڭ يالغانلىقىنى ئ‍سپاتلايدۇ. «ختاينىڭ ھەر قانداق ئۇرۇنۇش- ھەرىكەتلىرى-ياخشى نىيەتلىك بولۇشى ناتايىن »دىگەن يەكۈن جەزىملەشكەن بولىدۇ دە، ختاي ئ‍شەنچسز مۇئامىلە قىلىنىدۇ.بۇ ھەر قانداق نورمال مۇناسۋەتنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، توقۇنۇش ئىھىتىماللىقى تەرەپكە ئىلىپ بارىدۇ.

ختاينىڭ بۇ ئارزۇسغا يېتىش ئۈچۈن قوللىنىدىغان ۋاستىلىرى نىمە ئۈچۈن مۇھىم:

نۆۋەتتە ختاينىڭ ئامېرىكىدىن ئ‍شپ چۈشۈش ئۈچۈن قوللانغان ئۇسۇللىرى ئاساسەن خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، دۇنيا سودا كىلىشمىلىرىگە خىلاپ ھالدا ئ‍ۆز شركەتلىرىنىڭ خەلقئارا بازاردا ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇشى ئۈچۈن تولۇقلىما پۇل بىرىشى، چەتئەل شركەتلىرىنىڭ ختايدا سودا قىلىشنى ئۇچۇر جەھەتتە چەكلىشى، ختاي شركەتلىرىگە پاتنىت ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بىرىشكە مەجبۇرلىشى قاتارلىق سودا جەھەتتىكى قىلمىشلىرى بار.تېخنىكا ئوغرىلىقى -ختاينىڭ ئەڭ چوڭ قانۇنسزلىقىدىن ئ‍ىبارەتتۇر.

ئۇنىڭدىن باشقا، ختاينىڭ باشقا دۆلەتلەردە قانۇنسز ساقچى پونكىتى جايلاشتۇرۇشى، باشقا دۆلەت پۇقرالىرىغا تەھدىت سلىشى، جاسوسلۇق قىلىشىمۇ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ.

دۆلەتلەر سەل قاراۋاتقان مۇھىم نۇقتىلاردىن بىرى، ختاينىڭ قىرغىنچىلىقنى چەكلەش ئەھدىنامسىگە خىلاپلىق قىلىشدىن ئىبارەتتۇر.

مۇناسۋەتلىك تېمىلار

Leave a Comment